باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى بويىچە ئىلگىرىلەش كېرەك
2008- 07- 14 11:15 شىنجاڭ گېزىتى

   پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ھازىرقىغا ئوخشاش مىسلىسىز تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئەزەلدىن ئېرىشىپ باقمىغانىدى، شىنجاڭ ھازىر دەل تىرىشىپ ئالدىنقىلارغا يېتىشىپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويدى.

   پۇرسەت تەييارلىقى پۇختا كىشىلەرگە نېسىپ بولىدۇ، تېپىلغۇسىز پۇرسەت كەلگەندە، جەزمەن ئۇنى چىڭ تۇتۇپ ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى بويىچە ئىلگىرىلەش كېرەك؛ پۇرسەت ئادەمنى ساقلىمايدۇ، پەقەت ئالدىن ئويلاپ، يىراقنى كۆزلەپ، ئالدىدا ئىش باشلىغاندىلا، پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، تېخىمۇ زور نەپكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتتى.

   ھازىر ھەر قايسى رايون ۋە تارماقلىرىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى جەزمەن ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ پۇرسەتنى تالىشىپ چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك چوڭ تۈرلەرنى تېز  ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىشى كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ