باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئىچكىرىدىن 10 جۈپ يىگىت – قىز شىنجاڭغا كېلىپ ، غەربنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى بويىچە توي ئۆتكۈزدى
2008- 07- 14 10:24 تەڭرىتاغ تورى

     شاڭخەي تاماكا (گۇرۇھى) شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان 3 – نۆۋەتلىك ‹‹يۈز جۈپ  يىگىت –قىز ، يۈز يىللىق قوش خوشاللىق›› تېمىسىدىكى چوڭ تىپلىق نىكاھ تەنتەنىسى پائالىيىتى بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق تاللانغان يېڭىدىن توي قىلغان 10 جۈپ يىگىت –قىز شىنجاڭغا كېلىپ ، غەربتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى توي ئادەتلىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزدى .

     پائالىيەت قىسقىغىنە نەچچە كۈنلا داۋاملاشقان بولسىمۇ ، بىراق ، بۇ قېتىمقى ئالاھىدە سەپەر يېڭىدىن توي قىلغان قىز – يىگىتلەرگە ئۇنتۇلماس تەسىرلەرنى قالدۇردى.

توي كۆڭلىكى كىيىپ ، چىرايلىق ياسانغان كېلىنچەكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى توي ئادىتى بويىچە، نەپىس ئىشلەنگەن گىلەمگە ئولتۇرغۇزۇپ ، كۆتۈرۈپ ئېلىپ مېڭىلدى ، توي خوشاللىقىغا چۆمگەن دوست – بۇرادەرلىرى قىزنى ئۇزاتتى

يېڭىدىن توي قىلغان 10 جۈپ ياش بۇغدا كۆلى ئەتراپىدا ‹‹بۇغدا كۆلىگە باغلانغان مۇھەببەت›› تېمىسىدىكى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ ، مەڭگۈ بىرگە بولۇشقا ۋەدە بېرىشتى

كېلىنچەكلەرنى ئات ھارۋىسى ياكى ئېشەك ھارۋىسى ئارقىلىق كۆچۈرۈش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەنئەنىۋى توي كۆچۈرۈش ئادىتى. سۈرەتتە ، كېلىنچەكلەر ئېشەك ھارۋىسىدا ‹‹يېڭى ئۆيى›› گە كۆچۈرۈلمەكتە    

يېڭىدىن توي قىلغان  يىگىت– قىزلار قۇملۇقتا كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ