|

4 – نۆۋەتلىك ‹‹جەلىپكار شىنجاڭ›› 10 مىڭ چاقىرىملىق زىيارەت پائالىيىتىگە قاتناشقان مۇخبىرلار زىيارەت پائالىيىتى جەريانىدا ئېگىزلىكتىكى گۆھەر ‹‹سايرام كۆلى››گە زىيارەتكە باردى . 7 – ئاي سايرام كۆلىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلى بولۇپ ، بۇ سايرام كۆلى ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەڭ جانلانغان ئالتۇن پەيتى ھېسابلىنىدۇ .
4 – نۆۋەتلىك ‹‹جەلىپكار شىنجاڭ›› 10 مىڭ چاقىرىملىق زىيارەت پائالىيىتى 3 – ئىيۇل باشلانغان. بۇ قېتىمقى زىيارەت پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى 11 كۈن بولۇپ ، پائالىيەت جەريانىدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، گۇاڭدۇڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق 25 ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىسىدىن كەلگەن 50 نەچچە مۇخبىر ‹‹يىپەك يولى›› لىنىيىسىدىكى ساياھەت بايلىقلىرى مول بولغان ئۈرۈمچى ، سانجى ، قاراماي ، غۇلجا ، تۇرپان ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولىدىكەن.

سايرام كۆلى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ گۈزەل ئېگىزلىكتىكى كۆل بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ . سايرام كۆلى تاغ ئارىسىدىكى چوڭ كۆل بولۇپ ، كۆل ئىچىدە بىر كىچىك ئارال بار . قاش قارايغان چاغدا كۆل سۈيى كۈل رەڭ قوڭۇر كۆرۈنىدۇ . كۈن ئولتۇرۇپ ھەممە ياق ئاستا – ئاستا قاراڭغۇلۇق چۆمگەندە ، تاغ چوققىسىدا ھاسىل بولغان قىزغۇچ بىنەپشە رەڭلىك نۇر تاغ تىزمىسى بىلەن ئاسماننى ئايرىپ ، كىشىگە بىر خىل ئاجايىپ گۈزەل تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ . كۆل سۈيى خۇددى دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشاش ئىككى قىرغاققا ئۇرۇلۇپ ، خۇددى كىشلەر ئېيتقاندەك ئەينى ۋاقىتتىكى بىر جۈپ قازاق ياشنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىنى ئەسلىتىدۇ . (رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە ، سايرام كۆلى ئىشقى – مۇھەببەت يولىدا ئۆلگەن بىر جۈپ ئاشىقنىڭ كۆز يېشىدىن شەكىللەنگەن ئىكەن) .


سايرام كۆلىنىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
|