|

10 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى شىياڭگاڭ ‹‹ئادالەت گېزىتى›› نىڭ باش مۇھەررىرى جۇ چىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى .
جۇ چىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ‹‹100 يىللىق ئادالەت گېزىتىدىن شىنجاڭغا نەزەر›› پائالىيىتىنى باشلاش ۋە شياڭگاڭ ‹‹ئادالەت گېزىتى›› شىنجاڭ ئىش باشقارمىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن .

نۇر بەكرى كۆرۈشۈشتە ئالدى بىلەن شياڭگاڭ ‹‹ئادالەت گېزىتى›› نىڭ شىنجاڭدا ئىش باشقارمىسى تەسىس قىلغانلىقىنى قارشى ئالدى ۋە رەھمەت ئېيتتى . ئۇ مۇنداق دېدى : شياڭگاڭ ‹‹ئادالەت گېزىتى›› خەنزۇچە يېزىقتا چىقىدىغان 100 يىللىق تارىخقا ئىگە گېزىت بولۇپ ، چەت ئەللەردە ناھايىتى زور تەسىر كۈچكە ئىگە . ‹‹ئادالەت گېزىتى›› نىڭ شىنجاڭ ئىش باشقارمىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى شىنجاڭنىڭ تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىق . شىنجاڭ دۇنياغا يۈزلىنىۋاتىدۇ ، دۇنيامۇ شىنجاڭنى چۈشىنىشكە تەشنا . ‹‹ئادالەت گېزىتى›› شىنجاڭ ئىش باشقارمىسىنىڭ ئەۋزەللىكنى جارىي قىلدۇرۇپ ، خەۋەر قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ، شىنجاڭنى دۇنياغا ئوبېكتىپ ، ئەينەن تونۇشتۇرۇپ ، چەت ئەللىكلەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ ، دۇنياغا شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش كۆزنىكىگە ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز .
جۇ چىڭ ‹‹ئادالەت گېزىتى›› چوقۇم شىنجاڭنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ ، ھەقىقىي . رەڭدار شىنجاڭنى دۇنياغا نامايەن قىلىدۇ ، دۇنياغا تونۇتىدۇ ، دېدى .

|