باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئىسرائىلىيە ئەڭ يېڭى جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنى كۆرگەزمە قىلدى
2008- 07- 11 09:27 تەڭرىتاغ تورى

 

     ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن ، 10 –ئىيۇل ،  ئەڭ يېڭى جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنى كۆرگەزمە قىلدى .

    ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئسىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى : بۇ جاسۇسلۇق رازۋېدكا ئايروپىلانى بۇلتۇر ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ ، بۇ ئايروپىلان يېقىندىن بۇيانقى ئىراننىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن ، ھازىر جامائەتچىلىك ئالدىدا يەنە بىر قېتىم كۆرگەزمە قىلىندى .

     خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، بۇ جاسۇسلۇق رازۋېدكا ئايروپىلانىنى ئىسرائىلىيە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتى ئاخبارات توپلاش تېخنىكىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق جەڭ قىلىش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان . بۇ شىركەتتىكى بىر باياناتچىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، بۇ ئايروپىلانغا ئېنىقلىق دەرىجسى ئەڭ يۇقىرى ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئاخبارات توپلاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان بولۇپ ، ھەر قانداق ھاۋا ئورۇشىدا كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولىدىكەن . 

ئىران 9 – ئىيۇل قۇيۇپ بەرگەن ‹‹ئاقار يۇلتۇز—3››تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارد

     ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 9 – ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە ، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئەترىتى شۇ كۈنى باشقۇرۇلىدىغان سىناردتىن 9 نى سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن . قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان سىناردنىڭ ئىچىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان ‹‹ئاقار يۇلتۇز —3›› تىپلىق ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان سىناردمۇ بار . ئۇنىڭ مۇساپىسى 2000  كىلومېتىر بولۇپ ، ئىسرائىلىيە زېمىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدىكى ھەربىي بازىلىرىنى قاپلىيالايدىكەن .   

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ