|

10–ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ، تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹شىخو پىۋىسى مەدەنىيەت بايرىمى››ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى ، بۇ قېتىملىق پىۋا بايرىمى 25–ئىيۇلدىن 26–ئىيۇلغىچە شىخو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ .
شىخو شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ يەن ، شىنجاڭ شىخو پىۋىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لياڭ شېجەن ئايرىم–ئايرىم ھالدا سۆز قىلدى . چۆچەك ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى چېن جيەنگو ، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەرھات ئەزىملەرمۇ يىغىندا سۆز قىلدى . ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شىخو شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى چاڭ جيەنمېي رىياسەتچىلىك قىلدى .
شىنجاڭ پىۋىسى زاۋۇتى 1986–يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ، ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ، غۇلجا ، ساۋەن ، قۇمۇل پىۋا زاۋۇتلىرىنى سېتىۋېلىپ ، سىچۈەن لەنجيەن ، شىنجاڭ پىۋىسى گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىش بىلەن بىرگە ، دۇنيا پىۋىچىلىك ساھەسىدىكى 5 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولغان‹‹جيا شېبو››نىڭ تېخنىكىلىرىنى كىرگۈزۈپ ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5000 توننا بولغان كىچىك كارخانىدىن 11 شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، يىللىق سېتىش مىقدارى 900 مىليون يۈەن ، پايدا بېجى 300 مىليون يۈەن بولغان چوڭ تىپتىكى زامانىۋى كارخانىغا ئايلاندى ھەمدە مەملىكەت ئىچىدىكى پىۋىچىلىك ساھەسىدە 15 كۈچلۈكنىڭ بىرى ، ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ تىپتىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى 30 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . شىخو پىۋىسى يەنە داڭلىق ماركىغا ئايلىنىپ ، پىۋا ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى شىخو شەھىرىنىڭ چوڭ بىر تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ قالدى .
‹‹شىخو پىۋىسى مەدەنىيەت بايرىمى›› ئارقىلىق شىخو پىۋىسى ماركىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ ، شىخو پىۋىسىنىڭ يېڭى ئوبرازى تىكلىنىش بىلەن بىرگە ، شىخونىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئىگە بولىدۇ . شىخو شەھىرىدە پىۋا بايرىمى ئۆتكۈزۈش يەنە شىخو خەلقىنىڭ كۆپ يىللىق ئارزۇسى .
پىۋا بايرىمى مەزگىلىدە ، كىشىلەر شىخودا ھەقسىز پىۋا ئىچىپلا قالماي ، يەنە مەپىدە سەيلە قىلىش ، 3 كىشىلىك ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ، ئەل ئىچى سەنئىتى كۆرگەزمە ئويۇنى ، ساليوت كېچىلىكى ، ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزگۈچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ، داڭلىق ئاشخانىلارنىڭ تاماقلىرىنى باھالاش ۋە بېكىتىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق مەدەنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشالايدۇ .
|