باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئىككى مىنۇتلۇق كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسى ئاداق يېزىسىغا 10 مىڭ مېھمان باشلايدۇ
2008- 07- 10 18:53 تەڭرىتاغ تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز  ئابدۇۋاھىت ئىسھاق خەۋىرى : بۇ يىل 1–ئاۋغۇست دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاسترونوم ، ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەر ئاراتۈرۈك ناھىيىسىنىڭ ئاداق يېزىسىغا كېلىپ ، نەچچە يۈز يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇش ھادىسىسىنى كۆزىتىدۇ . نۆۋەتتە ، ئاراتۈرۈك ناھىيىسى ۋە ئاداق يېزىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى .  

      ئىگىلىنىشچە ، ئۆتكەن ئەسىردە دۆلىتىمىزدە ئالتە قېتىم كۈن تولۇق تۇتۇلۇش ھادىسىسى كۆرۈلگەن بولۇپ ، بۇ قېتىمقى كۈن تۇتۇلۇش يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسى ئىكەن . 2006–2007– يىللىرى ئامېرىكا ، ياپونىيە ، گېرمانىيە ، ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئېلىمىز ئاسترونوملىرى ئاراتۈرۈك ناھىيىسىنىڭ ئاداق يېزىسىغا كېلىپ ، سانلىق مەلۇماتلارنى ھىسابلاش ۋە دەلىللەش ئارقىلىق ئاراتۈرۈك ناھىيىسى ئاداق يېزىسىنىڭ 2008–يىلى 8–ئاينىڭ 1–كۈنىدىكى كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇش ئەھۋالىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن . 

      مۆلچەر بويىچە ھېسابلىغاندا ، ئاداق يېزىسىدا كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇش ۋاقتى 2 مىنۇت 1.5 سىكۇنت بولۇپ ، تەخمىنەن سائەت 19 دىن 7 مىنۇت 35 سىكۇنت ئۆتكەندە باشلىنىپ ، سائەت 19 دىن 9 مىنۇت 37 سىكۇنت ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدىكەن، بۇ ۋاقىتتا قۇياش ئېگىزلىكى 19 گرادۇس بولىدىكەن. كۈننىڭ تۇتۇلۇش ۋاقتى دەل كۈن پاتىدىغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن كۆزەتكۈچى پەقەت 19 گرادۇستىكى قۇياش ئېگىزلىكىنىڭ كۆزىتىشكە تەسىر يەتكۈزىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن .

      ئىگىلىنىشىچە، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى دۆلىتىمىزگە شىنجاڭدىن كىرىدىكەن ، ئالتاي ۋىلايىتىدە باشلىنىپ ، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئاراتۈرۈك ناھىيىسى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىدە كۆرۈلىدىكەن ، ئاندىن گەنسۇنىڭ جيا يۈگۇەن ، جىيۇچۈەن ، جىنتا قاتارلىق جايلىرىدا يۈز بېرىدىكەن ، شەرقتە ۋۇۋېيدىن ئۆتۈپ ، ئەڭ ئاخىرىدا ، شىئەندە بارا– بارا ئاخىرلىشىدىكەن. پۈتكۈل جەرياندا ، ئالتاي ، ئاراتۈرۈك ، جىنتادىن ئىبارەت ئۈچ جاي بىر قەدەر ياخشى بولغان كۆزىتىش نۇقتىسى ئىكەن. بىراق، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ھاۋارايى ئەھۋالى بىر قەدەر ناچار بولۇپ ، بۇلۇتلۇق بولۇش نىسبىتى %50 كە يېتىدىكەن ، جىنتانىڭ % 6.7 ، ئاراتۈرۈكنىڭ بۇلۇتلۇق بولۇش نىسبىتى %13 بولۇپ ، ھاۋارايى ئامىللىرىدىن ئاراتۈرۈكتە كۆزىتىشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %87 كە يېتىدىغانلىقى ھۆكۈم قىلىنغان ، ئاراتۈركنىڭ ھاۋارايى شارائىتى ئەڭ ياخشى بولۇپلا قالماي، يەر ئەھۋالى بىرقەدەر تۈز ، توسالغۇ نەرسىلەر يوق ، كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇش ۋاقتىمۇ 2 مىنۇت بولۇپ ، باشقا جايلارنىڭكىدىن ئۇزۇن ئىكەن.

       ئاداق يېزىسى كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشىنى ئەڭ ئېنىق كۆزەتكىلى بولىدىغان جاي دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاسترونوم ۋە ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتى ئاراتۈرۈك ناھىيىسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ ، نەچچە ئاي بۇرۇنلا تېلېفون ئارقىلىق ياتاق زاكاز قىلغان ۋە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەن . نۆۋەتتە ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرى ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ ، ئاراتۈرۈك ناھىيىسىدىكى بارلىق مېھمانخانىلارنى زاكاز قىلىپ بولغان بولۇپ ، ھازىر ئاراتۈرۈكتىكى مېھمانخانىلاردا بىرمۇ بوش كارىۋات قالمىغان . بۇ قېتىم ئاراتۈرۈككە كېلىدىغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەمدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە .

     بۇ قېتىم ئاراتۈرۈككە كېلىدىغان 10 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى ئومۇمىي نوپۇسى 20 مىڭ بولغان بىر تاغلىق ناھىيىنىڭ ساياھەتچىلىكى ئۈچۈن چوڭ سىناق بولۇش بىلەن بىرگە يەنە تېپىلغۇسىز پۇرسەت ھىسابلىنىدىكەن . ئاراتۈرۈك ناھىيىسىدە ئۈچ يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىن بىرىلا بار بولۇپ ، بارلىق چوڭ–كىچىك مېھمانخانىلارنى قوشقاندىمۇ 300 دىن كۆپرەك كارىۋات بار ئىكەن . ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسى مەسئۇللىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئاراتۈرۈككە كېلىدىغان ھەممە ئادەمنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش قېيىن مەسىلە بولغاچقا ، كۈن تولۇق تۇتۇلىدىغان 1–ئاۋغۇست كۈنى ئاراتۈرۈك ناھىيىسى ناھىيە ئىچىدىكى مېھمانخانىلاردا ياتىدىغان ئادەم سانىنى 3 مىڭ ئىچىدە ، كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشىنى كۆزەتكىلى كېلىدىغان ئادەم سانىنى 10 مىڭ ئەتراپىدا كونترول قىلىشنى بېكىتكەن . بۇنىڭ بىلەن سىرتتىن كېلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر قۇمۇل شەھىرىدىكى مېھمانخانىلاردا ياتاق زاكاز قىلىشقا مەجبۇر بولغان . ھازىر قۇمۇل شەھىرىدىكى نۇرغۇن مېھمانخانىلاردىمۇ ياتاقلار قىس بولۇپ كەتكەن . ئامېرىكا ، فرانسىيە ، ئەنگلىيە ، ياپونىيە ، دانىيە ، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تىزىملاتقان كىشىلەرنىڭ سانى 5–ئايدىلا مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن . ئېلىمىزنىڭ شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ، تەيۋەن ۋە باشقا ئۆلكىلەردىن كېلىدىغانلارمۇ 500 ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەن . 5–ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئاراتۈرۈك ناھىيىسىگە ياتاق ۋە مۇقىم تاماق ئۈچۈن رەسمىي زاكاز تاپشۇرغانلار 2 مىڭ ئادەمدىن ئاشقان . 

     گەرچە بۇ قېتىم كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇش ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا بولسىمۇ ، ئاراتۈرۈك ناھىيىسى بۇ پۇرسەتنى ئاراتۈرۈكنى تەشۋىق قىلىش ۋە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قاراپ ، ئاداق يېزىسىدا 4 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، مەخسۇس قۇياش كالېندارى مەيدانى ياسىغان بولۇپ ، بۇ مەيدان مەملىكەت بويىچە 2–ئورۇندا تۇرىدىغان كۈزىتىش مەيدانى بولۇپ قالىدىكەن . 

     ئىگىلىنىشىچە ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تۆمۈر يول تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ئىككى مەخسۇس پويىز تەييارلىغان بولۇپ ، 7–ئاينىڭ 26–كۈنى بىر پويىز بېيجىڭدىن ، 7–ئاينىڭ 31–كۈنى يەنە بىر پويىز ئۈرۈمچىدىن ئېلىمىز ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان ئاسترونوملار ۋە ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ قۇمۇلغا كېلىدىكەن . بۇ قېتىملىق كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇش ھادىسىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ ، ئاراتۈرۈك ناھىيىلىك رادىئو–تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرغۇن گايىتنىڭ ئېيتىشىچە ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ( ‹‹ NASA ›› مۇ ئاراتۈرۈككە كۆزەتكۈچىلەرنى ئەۋەتىدىكەن ) قاتارلىق ئورۇنلار كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى ھەققىدە نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىش ئېلىپ بارىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ