باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بېيجىڭ ئو ت م دا ئىشلىتىلىدىغان 08 تىپلىق 14 ھۆرمەت توپى ئىشلەپچىقىرىلدى
2008- 07- 10 11:11 تەڭرىتاغ تورى

     جۇڭگو ھەربىي قورال ياراقلىرى شەنشى شىمالىي فېڭلېي سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (ئەسلىدىكى شەنشى ستانوك زاۋۇتى) ئىشلەپچىقارغان 08 تىپلىق دۆلىتىمىزدىكى ئالتىنچى ئەۋلاد ھۆرمەت توپىدىن 14 ى 7 – ئىيۇل، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتتى .

     9 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ، بۇ ھۆرمەت توپلىرى تەكشۈرۈلۈپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ، رەسمىي ھالدا قوراللىق قىسىم باش شتابىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى . ئىگىلىنىشىچە ، 08 تىپلىق ھۆرمەت توپى مەخسۇس بېيجىڭ ئو ت م ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ ، يېقىندا بېيجىڭغا توشۇلىدىكەن،

      نۆۋەتتە، 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 80 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننىڭ باشلىقلىرى ، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتنىشىدىكەن ، ھەر بىر دۆلەت باشلىقى ياكى ھۆكۈمەت باشلىقى كەلگەندە قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن ھۆرمەت توپى ئېتىلىدىكەن  ، بۇ قېتىم ئو ت م دا جەمئىي 1600 پاي  ھۆرمەت توپى ئېتىلىدىكەن ، بۇ  ئالدىنقى بەش يىلدا ئاتقان ھۆرمەت توپلىرىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ ئىكەن .

    ئىگىلىنىشىچە ، دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان ، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى 144 قارشى ئېلىش ھۆرمەت توپىنىڭ ھەممىسى شەنشىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئىكەن .   

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ