|

ئىيۇل ئايلىرىدىكى كۆكتوقاي مەنزىرىلىك رايونى رەڭدار ، گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ ، بۇ تەبىئىي مەنزىرە كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ. قۇرۇلۇشى ئىككى يىل داۋام قىلغان ، شىنجاڭ يۈەنفاڭ ساياھەت چەكلىك شىركىتى 70مىلىيون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان كۆكتوقاي دۆلەت گېئولوگىيىلىك باغچىسى 15–ئىيۇل ساياھەتچىلەرگە رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ.

9–ئىيۇل، شىنجاڭ يۈەنفاڭ ساياھەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇشىيۇلى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى ، كۆكتوقاي دۆلەت گېئولوگىيىلىك باغچىسى ئالتاي رايونىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيىسىگە جايلاشقان بولۇپ ، ئۈرۈمچىدىن 458كىلومېتىر يىراقلىقتا ، كۆكتوقاي ناھىيىسىدىن 53 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ ، ساياھەتچىلەر دۆلەت يولى216 لىنىيىسىدىن بىۋاستە كەلسە بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە ، كۆكتوقاي دۆلەتلىك گېئولوگىيلىك باغچىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 788كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ ، قاناس دۆلەت گېئولوگىيىلىك باغچىسى ، گۇچۇڭ سىلىتسىيلەنگەن ياغاچ ( گىياھ تاش) –دىنوزاۋر دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسىدىن كېيىن قالسىلا ، شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ دۆلەت گېئولوگىيلىك باغچىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .


|