|

9–ئىيۇل، دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ خوككايدودا يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى
شىنخۇا تورى خوككايدو 9 – ئىيۇل تېلېگراممىسى : سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياپونىيىگە بارغان دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 9 – ئىيۇل خوككايدودا ئۆتكۈزۈلگەن سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر باشلىقلىرى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى .
شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئېچىلغان سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر باشلىقلىرى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت يىغىنىدا دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ، كىلمات ئۆزگىرىشى ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ، مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى . خۇ جىنتاۋ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى ھەمدە جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارشى ۋە تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
شۇ كۈنى خۇ جىنتاۋ يەنە ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە كىلمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە كىلمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەسلىسىگە قارىتا پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
يىغىن مەزگىلىدە ، خۇ جىنتاۋ يەنە سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بولىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى . يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، خۇ جىنتاۋ شۇ كۈنى خوككايدودىن ئايرىلىپ ، جۇڭگوغا قايتىپ كەلدى .

خۇجىنتاۋ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش بىلەن كۆرۈشتى

خۇجىنتاۋ روسىيە زۇڭتۇڭى مىدېۋېدىف بىلەن كۆرۈشتى

خۇجىنتاۋ كانادانىڭ زۇڭلىسى خارپېر بىلەن كۆرۈشتى

خۇ جىنتاۋ فرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى بىلەن كۆرۈشتى

خۇ جىنتاۋ ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇتيەن كاڭفۇ بىلەن كۆرۈشتى
|