باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ 10 – قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلدى
2008- 07- 09 15:50 تەڭرىتاغ تورى

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بۈگۈن (9 – ئىيۇن) چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى . ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى . ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارىخي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان 500 دىن ئارتۇق ۋەكىل تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن يىغىنغا قاتناشتى .

ۋاڭ لېچۈەن ، نۇر باكرى قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

         ئاپتونوم رايون ھەمدە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى ، ئەركىن ئىمىرباقى ، ئەسقەت كەرىمباي ، ياڭ گاڭ ، فۇ چياڭ ، خەن يۇڭ ، شەۋكەت ئىمىن ، نۇرلان ئابلىمەجىن ، سۇڭ ئەيرۇڭ ، بەي جىجيې ، ئەركىنجان تۇراخۇن ، ئەركىن تۇنىياز ، مەمەتجان ئەمەت ، جەي شياۋخېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى .

     جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى چياۋ چۈەنشيۇ يىغىنقا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى .

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فۇ چياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆز قىلدى .

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى چياۋ چۈەنشيۇ يىغىندا تەبرىك سۆزى قىلماقتا

       چياۋ چۈەنشيۇ ئالدى بىلەن مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئىچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى . ئۇ مۇنداق دېدى : نۆۋەتتە ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ناھايىتى پايدىلىق تەرەققىيات پۇرسىتىدە تۇرماقتا . ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قوشۇنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ ، كەڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى كادىرلىرىنىڭ ئىدىيە ۋە تونۇشىنى 17–قۇرۇلتاي روھىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ، مەركەزنى چۆرىدەپ ، چوڭ ۋەزىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ، كەڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىنى ھەم تېز ، ھەم ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ ، مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ، ئىناق كارخانا ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، پارتىيىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا بولغان تەلىپىنى ۋە ئىشچى–خىزمەتچى ئاممىسنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشما تەشكىلاتىغا بولغان يېڭى ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى تولۇق تونۇپ ، ئىدىينى ئازاد قىلىپ ، يېڭىلىق يارىتىپ ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئۇيۇشقاقلىقىنى كۈچەيتىپ ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئۆز ئۆزىنى قۇرۇش سەۋىيىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم . ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە ، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىك بەنزىسى چوقۇم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى تەشكىلاتلىرىنى يېتەكلەپ ، ھەر مىللەت ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ ، گۈللەنگەن ، باي ، ئىناق ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فۇ چياڭ يىغىندا سۆز قىلماقتا

      يىغىندا ، فۇ چياڭ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۇردى . ئۇ مۇنداق دېدى :  ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك  ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيانقى بەش يىلدا ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ ، يېڭىلىق يارىتىپ ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى . نۆۋەتتە ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاكتىپلىق بىلەن ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ ، ئىقتىساد ، جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى ، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي مەيدانىغا ئاكتىپلىق بىلەن كىرىشىپ ، تىرىشىپ ، دەۋرگە لايىق پارلاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم . ‹‹تىنىچلىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ››دېگەن ئىدىيىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى ئەستە چىڭ ساقلاپ ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتەك بىر قاتار مۇھىم سىياسەت بەلگىلىمىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىپ ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ، سىياسىي مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداش لازىم . ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمەتلىرى جان – دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تاينىش پىرىنسىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئىشچىلارنىڭ سىنىپىنىڭ خوجايىنلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش ، كەڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداپ ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى ھەققىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كىرىم تەقسىماتى ، ئىجتىمائىي كاپالەت ، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ، داۋالاش ، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيىسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم .

ئەركىنجان تۇراخۇن يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەرمەكتە

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، يىغىن ئىجرائىيە رەئىسى ئەركىنجان تۇراخۇن ‹‹سوتسىيالىزىم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ ، گۈللەنگەن ، باي ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى››دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى .

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جيەنلىڭ يىغىندا تەبرىك سۆزى قىلماقتا

     ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جيەنلىڭ ئاممىۋى ئورگانلارغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى .

     قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئىشچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق قوشنا  دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار ئويۇشمىلىرى ، مەملىكىتىمىزدىكى 30 ئۆلكە ، شەھەر ، ئاپتونوم رايوندىكى ئىشچىلار ئويۇشمىلىرى ، شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ، تەيۋەندىكى ئىشچىلار تەشكىلاتلىرى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ تەبرىك تېلېگراممىسى ، تەبرىك خېتى ئەۋەتتى .

ۋەكىللەت تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يىغىن مەيدانىغا كىرمەكتە

ۋەكىللەر يىغىندا

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ