باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
دۇبەي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فونتاننى ياساپ چىقماقچى
2008- 07- 09 10:43 تەڭرىتاغ تورى

 فونتاننىڭ ئېگىزلىكى 150 مېتر، ئۇزۇنلۇقى 275 مېتر بولۇپ ، 1000 خىلدىن ئارتۇق شەكىلنى چىقىرالايدۇ

‹‹دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فونتان›› نىڭ تەسۋىرىي سۈرىتى

 

     818 مېتر ئېگىزلىكتىكى‹‹دۇبەي مۇنارى›› قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى پايچىك شىركەت — ئۆمەر يەر مۈلۈك شىركىتى يېقىندا بۇ ئېگىز ئىمارەتنىڭ يېنىغا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فونتاننى ياساپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ فونتاننىڭ ئېگىزلىكى 150 مېتر ، ئۇزۇنلۇقى 275 مېتر بولۇپ ، ئىككى پۇتبول مەيدانىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا باراۋەر كېلىدىكەن، 1000 خىلدىن ئارتۇق شەكىلنى چىقىرالايدىكەن ، بۇ فونتانغا سەرپ قىلىنىدىغان مەبلەغ 218 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ ، 2009 – يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش پۈتسە ، دۇبەيدىكى ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە قۇرۇلۇش بولۇپ قېلىشى، ھەر يىلى 10 مىليون خەلقئارالىق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە ، ئۆمەر يەر مۈلۈك شىركىتى بۇ فونتانغا ئەڭ چىرايلىق ئىسىم تېپىپ بەرگۈچىلەرگە 27 مىڭ 225 ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

     بۇ قېتىمقى ئىسىم توپلاش مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ، مۇسابىقە ۋاقتى 1 – ئىيۇلدىن 15 – سېنتەبرگىچە بولۇپ ، ھەر قانداق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە تەۋە ئاھالىنىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقۇقى بولىدىكەن. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئۆمەر يەر مۈلۈك شىركىتىنىڭ ھۆكۈمەت تورىغا تىزىملىتىپ، ئۆزى مۇزىكىلىق فونتان ئۈچۈن ئويلىغان ئىسىمنى كىرگۈزسىلا، مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بولىدىكەن.

     ئومۇمىي سېلىنمىسى 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ‹‹دۇبەيدىكى ئاۋات شەھەر رايونى›› تۈرى ‹‹دۇبەي مۇنارى››، ‹‹دۇبەي مۇنارى سۈنئىي كۆلى››، ‹‹دۇبەي مۇنارى مال سېتىۋېلىش سودا سارىيى››، 30 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇ ، توققۇز مېھمانخانا ، 19 ساراي بىناسى ۋە 6.2 مو كۆلەمدىكى ئامما ئورتاق پايدىلىنىدىغان يېشىللىق مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ