باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئو ت م نىڭ ئۈچ چوڭ ئاخبارات مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
2008- 07- 09 10:26 تەڭرىتاغ تورى

  

       بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى 8 – ئىيۇل ، ئو ت م  ۋە  م ئو ت م نىڭ ئاساسىي ئاخبارات مەركىزى (MPC ) ، بېيجىڭ ئو ت م خەلقئارا رادىئو ئاڭلىتىش مەركىزى (IBC ) ۋە 2008   – يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا ئاخبارات مەركىزى قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئاخبارات مەركىزىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى . 

      ئو ت م ۋە م ئو ت م نىڭ ئاساسىي ئاخبارات مەركىزى (MPC ) ۋە خەلقئارا رادىئو ئاڭلىتىش مەركىزى (IBC ) بېيجىڭنىڭ چاۋياڭ رايونى بېيچېن غەربىي يولىغا جايلاشقان بولۇپ ، دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانى ۋە دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزى بىلەن قوشنا . بېيجىڭ خەلقئارا ئاخبارات مەركىزى بېيجىڭ گۇلوۋەي كوچىسىغا جايلاشقان .

      ئاساسىي ئاخبارات مەركىزى (MPC ) نىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 63 مىڭ كوۋادرات مېتىر بولۇپ ، ئولىمپىك تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئاساسلىق ئاخبارات مەركىزى . خەلقئارا رادىئو ئاڭلىتىش مەركىزى (IBC )نىڭ 140 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ ، ئىشلىتىش كۆلىمى 90 مىڭ كۋادرات مېتىر . بۇ ئولىمپىك تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارا رادىئو ئاڭلىتىش مەركىزى ھېسابلىنىدۇ .

8 – ئىيۇل ئاساسىي ئاخبارات مەركىزىدە تۇنجى قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىلدى

ئاساسىي ئاخبارات مەركىزىنىڭ زالى

ئاساسلىق ئاخبارات مەركىزىدىكى ھەقسىز تورخانا

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ