|

8–ئىيۇل،ئاۋات ناھىيىسى تامتوغراق يېزىسىدىكى ‹‹ئەقىل كۆرسەتكۈچى پارتىيە ئەزالار ئەترىتى››نىڭ خادىملىرى كېۋەزلىكتە ،دېھقانلارغا ئېتىز –ئېرىقنى قانداق باشقۇرۇش جەھەتتە مەسلىھەت بەرمەكتە .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئاۋات ناھىيىسى يېزا–قىشلاقلاردىكى ئىختىساسلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش خىزمىتىنى ئاكتىپ ئىشلەپ ، ھەرقايسى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كادىرلىرى ئىچىدىن 3– 4 ئادەمنى تاللىۋېلىپ ، ‹‹ئۇقۇمۇشلۇق پارتىيە ئەزالىرى ››،‹‹قابىل پارتىيە ئەزالىرى››،‹‹ئىناۋەتلىك پارتىيە ئەزالىرى››قاتارلىق 119 ‹‹ئەقىل كۆرسەتكۈچى پارتىيە ئەزالىرى››ئەترىتىنى تەشكىللەپ ، ھەرقايسى يېزا گۇرۇپپىلارىدا خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ ، ئىناق –ئىتتىپاق مۇھىت يارىتىپ ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا چارە تەدبىر كۆرسىتىپ بېرىش جەھەتتە كۈچ چىقاردى . نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيىدىكى 450نەپەر ‹‹ئەقىل كۆرسەتكۈچى پارتىيە ئەزالار ئەترىتى››دىكى پارتىيە ئەزالىرى ، 1300دىن كۆپرەك نامرات ئامما بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى ئورناتتى.
|