|

شىنخۇا تورى خوككايدو 8 – ئىيۇل تېلېگراممىسى : سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۈگۈن (8 – ئىيۇل) خوككايدودا سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ھىندىستاننىڭ زۇڭلىسى سىنىگ بىلەن كۆرۈشتى .
كۆرۈشۈشتە ، خۇ جىنتاۋ ئالدى بىلەن سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقىدىن ھال سورىغانلىقى ھەمدە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىكىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى . خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بۇ قېتىم ۋېنچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرىنىش دەرىجىسى چوڭ ، دائىرىسى كەڭ ، ئاپەت ئەھۋالى ئېغىر بولدى . بىز ئىشىنىمزكى ، ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى بىلەن ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىر نىيەتتە جاپالىق كۈرەش قىلىپ ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە چوقۇم ئومۇميۈزلۈك غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولغان يۇرت – ماكانىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىمىز .
سىنىگ ئالدى بىلەن سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جۇڭگونىڭ ئادەم ۋە مال – مۈلۈك جەھەتتە غايەت زور چىقىم تارتقانلىقىغا قاتتىق ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىممىي ھال سورايدىغانلىقىنى شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ داۋاملىق جۇڭگونى ماددىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : نۆۋەتتە ، جۇڭگو – ھىندىستان مۇناسىۋىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ . جۇڭگو تەرەپ ھىندىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ، ھەرساھە ئالماشتۇرۇش ، ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ ، جۇڭگو – ھىندسىتان ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ .
سىنىگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ھىندسىتان – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، خەلقئارا ئىشلاردا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ ، دۇنيانىڭ تىنىچلىقى ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ .
|