باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپتونوم رايون داغدۇغىلىق تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى
2008- 07- 08 12:21 شىنجاڭ گېزىتى

  ۋاڭ لېچۈەن جۇاڭ شىخۇاغا 1–دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەنلىك مېدالى، گۇۋاھنامىسىنى بەردى، نۇر بەكرى قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىنغا قاتناشتى

   ئاپتونوم رايون 7 –  ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ جۇاڭ شىخۇانى 1 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئالغانلىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى جۇاڭ شىخۇانىڭ تۆھپىسىنى تەبرىكلىدى. بۇ يىل 4 – ماي گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت جۇاڭ شىخۇانى 1 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئالغانىدى.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن تەبرىكلەش يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى جۇاڭ شىخۇا بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم تەبرىكلەش يىغىنىدا جۇاڭ شىخۇاغا خىزمەت كۆرسەتكەنلىك مېدالى، گۇۋاھنامىسىنى بەردى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. قوراللىق ساقچى قىسىم سىياسىي بۇسىنىڭ مۇدىرى، جوڭجياڭ چىن خۇەيباۋ ‹‹گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي  كومىتېتنىڭ جۇاڭ شىخۇانى 1 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىش بۇيرۇقى›› نى ئوقۇدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   ئاپتونوم رايون ، ئىشلەپچىقىرىش  – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، نيې ۋېيگو، لى يى، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، خۇا شىفېي، جاپپار ھەبىبۇللا، دەي جيەنگو، چى باۋۋېن، خۇ شياۋچىن قاتارلىقلار تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى.

   يولداش جۇاڭ شىخۇا ھەربىي سەپكە كىرگەن 35 يىلدىن بۇيان خەلق ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، خىزمەت ئورنىنى سۆيۈپ، كەسپىنى قەدىرلەپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹جۇڭگو قوراللىق ساقچى قىسىمىدىكى ئون سادىق قوغدىغۇچى››، ‹‹ مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى››، ‹‹ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى››، ‹‹شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخس››نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. ئۇ دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم قورساق بوشلۇقى ئەينىكىدە جىگەر ئېخىنوكوك ئىچكى خالتىسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلدى، يەتتە تۈرلۈك داۋالاش نەتىجىسى دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، 58 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئوپېراتسىيىدە سەۋەنلىك سادىر قىلمىدى. 4 – ماي گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت جۇاڭ شىخۇانى 1 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئالدى.   



   نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن يولداش جۇاڭ شىخۇانى تەبرىكلىدى. ئۇ سۆزىدە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇۋاتقان شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى كوماندىر – جەڭچىلەر، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسىر – ئەسكەرلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش جۇاڭ شىخۇانىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدا كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ قەتئىي غايە – ئېتىقادى ۋە كىشىلىك ھاياتتىكى يۈكسەك ئىنتىلىشى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى مەركەزلىك ئىپادىلىنىپ، ھازىرقى زامان ھەربىي تېببىي خادىملىرىنىڭ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى سادىقىلىق بىلەن ئادا قىلىشتەك روھىي قىياپىتى جانلىق نامايان قىلىنغان. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ جۇاڭ شىخۇانى ئۈلگە قىلىپ، جۇاڭ شىخۇانىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ  يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

   چىن خۇەيباۋ قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ جۇاڭ شىخۇادىن ئۆگىنىش پائالىيىتىدە قوراللىق قىسىملارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۆگىنىش پائالىيىتى ئۇرغۇتقان قىزغىنلىقنى قىسىم قۇرۇلۇشى، ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىدە، چېگرىنى قوغدىغۇچى ھەربىيلەرنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

   جۇاڭ شىخۇا مۇنداق دېدى: شەرەپنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەتنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مېنى تەربىيىلىگەنلىكى ۋە غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمەن.    

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ