|
1 – ئىيۇل قۇمۇل شەرقىي شىنجاڭ 220 كىلوۋولتلىق ئېلېكتر يوللاش ترانسفورماتور قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىقى ئۈچۈن كاتتا سوۋغا بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىقتىساد – سودا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم لېنتا كەستى.
قۇمۇل شەرقىي شىنجاڭ 220 كىلوۋولتلىق ترانسفورماتور پونكىتى قۇمۇلدىكى تۇنجى 220 كىلوۋولتلىق ترانسفورماتور پونكىتى. بۇ ئېلېكتر يوللاش ترانسفورماتور قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئېلېكتر شىركىتىنىڭ ‹‹11 – بەش›› يىل مەزگىلىدە، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ۋە ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇش قىلىشتىكى نۇقتىلىق تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي لىنىيە ئۇزۇنلۇقى 79 كىلومېتىر، ئاساسىي گېنېراتورنىڭ سىغىمچانلىقى2×150 MVA بولۇپ، 98 مىليون 670 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىندى.
|