باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
خۇ جىنتاۋ سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياپونىيىگە باردى
2008- 07- 08 10:03 تەڭرىتاغ تورى

     شىنخۇا تورى ياپونىيە 7 – ئىيۇل تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ  ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن 7 – ئىيۇل شۇ جاي ۋاقتى سائەت 20 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ، ياپونىيىنىڭ خوككايدۇ ئارىلىغا باردى . ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ۋە خوككايدودىكى يەرلىك ئەمەلدارلار شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرى ئايرودرومدا خۇ جىنتاۋنى قىزغىن كۈتۈۋالدى .

    ئىگىلىنىشچە ، بۇ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بەشىنچى قېتىم سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنغا قاتنىشىشى بولۇپ ، خۇ جىنتاۋ يىغىن مەزگىلىدە ، جۇڭگو ، ھىندىستان ، برازىلىيە ، جەنۇبىي ئافرىقا ، مېكسىكا قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان بەش دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئۇچرىشىغا قاتنىشىدىكەن .

     سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى 7 – ئىيۇلدىن 9 – ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ، بۇ قېتىمقى يىغىندا  دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ، ھاۋا كىلمات ئۆزگىرىشى ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ، مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانى قاتارلىق مەسىلىلەر ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن .       

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ