باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ بىر تىرانسىپورت ئايروپىلانى كولومبىيىدە يەرگە چۈشۈپ پاچاقلىنىپ كەتتى
2008- 07- 08 09:34 تەڭرىتاغ تورى

    

ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيدان

     شىنخۇا تورى بوگوتا 7 – ئىيۇل تېلېگراممىسى : ئامېرىكىنىڭ بىر تىرانسىپورت ئايروپىلانى 7 – ئىيۇل كولومبىيىنىڭ پايتەختى بوگوتا ئايرودرومىدىن ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ، بوگوتانىڭ شەھەر سىرتىدىكى بىر ئۆينىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىپ پاچاقلىنىپ كەتكەن . بۇ قېتىمقى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە شۇ يەرلىك ئۈچ كىشى قازا قىلغان ، شۇ يەرلىك بىر ئايال ۋە ئايروپىلان خادىمىدىن سەككىز كىشى يارلانغان .

     شۇ يەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ دەلىللىشىچە ، بۇ ئامېرىكا CENTURION شىركىتىنىڭ ‹‹بوئىن 200–747 ››تىپلىق تىرانسىپورت ئايروپىلانى بولۇپ ، ئايروپىلانغا كولومبىيىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان كولومبىيە گۈل قاچىلانغان . ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى 7 – ئىيۇل سەھەر سائەت 3 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە بوگوتا ئايرودرومىدىن ئامېرىكىنىڭ مېئامىي شەھىرىگە  قاراپ يولغا چىققان . ئايروپىلان ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈپ 3 مىنۇتتىن كېيىن يەرگە چۈشۈپ كېتىپ ، پاچاقلىنىپ كەتكەن .

       نۆۋەتتە ، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن .  

ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوت ئۆچۈرمەكتە

قۇتقۇزۇش خادىملىرى يارىدارلارنى قۇتقۇزماقتا

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ