باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى››دىن ۋە‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى››دىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى سوئاللىرى
2008- 07- 07 17:12 شىنجاڭ گېزىتى

بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار
1. مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت: پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش، ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇش، قوغداش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتىپ ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى پارتىيە نىزامنامىسىدىن ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
2. ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى.
3. مۇسابىقە مەزمۇنى: ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى›› ۋە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى››دىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ يەككە تاللاش ۋە كۆپ تاللاش بويىچە  100 سوئال چىقىرىلدى، ھەر بىر سوئالغا بىر نومۇر بېرىلىدۇ، جەمئىي 100 نومۇر.
4. مۇسابىقە ئوبيېكتىلىرى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى.
5. مۇسابىقە ۋاقتى: 2008 – يىل 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنىگىچە.
6. مۇسابىقە قائىدىسى:
(1) بۇ قېتىمقى مۇسابىقە جاۋاب بېرىش كارتىسىنى بوياش شەكلىدە بولىدۇ. جاۋاب بەرگۈچىلەر سىياھ قەلەم، ماي قەلەم بىلەن  جاۋاب كارتىسىدىكى توغرا جاۋابنى بويايدۇ.
(2) جاۋاب كارتىسىغا جاۋاب بەرگۈچىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم – فامىلىسى، كىملىك نومۇرى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى، پوچتا نومۇرى، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلارنى ئېنىق يېزىش كېرەك. ھەر بىر كىشىنىڭ بىرلا جاۋاب كارتىسى تاپشۇرۇشىغا يول قويۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولسا ئىناۋەتسىز، دەپ قارىلىدۇ.
(3) ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلاردىكى خادىملار زېھىن سىناش مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدۇ.
(4) جاۋاب كارتىسى تاپشۇرۇشنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى 2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنى سائەت نۆلگىچە بولىدۇ، پوچتا تامغىسى ئۇرۇلغان ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدۇ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ئىناۋەتسىز.
(5) مۇسابىقە سوئالىنى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› تورى: www.xjdail.com شىنجاڭ قۇرۇم تورى:lun.cn – www.xjkun، شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى: www.xjtsnews.com  دىن چۈشۈرسە بولىدۇ.
7. مۇسابىقىنى تەشكىللەش: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى تەشكىللەش خىزمىتى سىستېمىلار بىلەن بۆلەكلەرنى بىرلەشتۈرۈش، بۆلەكلەرنى ئاساس قىلىش پرىنسىپى بويىچە  بولىدۇ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى بىرلىك قىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىنىدۇ ھەم مۇسابىقىگە قاتناشقانلار سانىنىڭ% 2ى بويىچە جاۋاب كارتىسى تاللىنىپ، پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ئورۇنغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. جايلار، ئورۇنلار پائالىيەت ئەھۋالى ۋە قاتناشقانلار سانىنى ۋاقتىدا يوللىشى كېرەك.
8. مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى: مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن بىر تۇتاش چەك تارتىدۇ، تەشكىللەش مۇكاپاتى ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەر مۇكاپاتى تەسىس قىلىنىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دە ئېلان قىلىنىپ، گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلىدۇ ھەم ماددىي مۇكاپات بېرىلىدۇ.
9. يوللاش: مۇسابىقە جاۋاب كارتىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەشۋىقات – تەربىيە باشقارمىسىغا بىر تۇتاش يوللىنىدۇ.
ئالاقىلىشىش ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ساغلاملىق يولى 2 – نومۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەشۋىقات – تەربىيە باشقارمىسى.
پوچتا نومۇرى: 830003
ئالاقىلەشكۈچى: جاۋ لىرۇڭ
     ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 2391645 – 0991
فاكس: 2391481 – 0991
كونۋېرت ئۈستىگە ‹‹پارتىيە نىزامنامىسىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى جاۋاب كارتىسى››، دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ.
زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدىكى ئالاقىدار ئىشلارنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇندا.

1. تاق تاللاش سوئاللىرى
1. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى بېكىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا پاكىتنى ئاساس، (    ) نى ئۆلچەم قىلىش كېرەك.
A. پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى B. پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى باشقا نىزاملار C. پارتىيە نىزامنامىسى ۋە تارماقلارنىڭ بەلگىلىمىسى
2. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئىچىدىكى (     ) ھۆججەتلەرنى كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق.
A. بەلگىلىمە بويىچە كۆرۈشكە بولىدىغان B. بارلىق C. مەخپىي ھۆججەتلەردىن باشقا
3. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تەشكىلاتىغا پارتىيىنىڭ ھەر قانداق تەشكىلاتى ۋە ھەر قانداق پارتىيە ئەزاسىنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتلىرىنى (    ) پاش قىلىش، ئاشكارىلاشقا  ھوقۇقلۇق.
A. جاۋابكارلىق بىلەن B. تەلتۆكۈس C .ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماي
4. پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلات تارماقلىرى، (    ) تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاۋازغا قويۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ، بەلگىلىمە بويىچە ئاۋازغا قويمىغانلارنى تۈزىتىدۇ.
A. تەپتىش مەھكىمىسى B. پارتىيىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى C. مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى
5. پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزالىرىغا جازا بېرىش قارارى چىقارغاندا، پارتىيە ئەزالىرى بەھرىمەن بولىدىغان ئەرز قىلىش ھوقۇقى ۋە (    ) قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق يېزىشى ھەم جازا بېرىلگەن پارتىيە ئەزاسى پىكرىنى يېزىشى كېرەك.
A. سايلاش ھوقۇقى B. ئەرزنى قوبۇل قىلىدىغان تەشكىلات C. تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى
6. پارتىيە ئىچىدە سىناش جازاسى بېرىلگەن پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئىچىدە سىناش مۇددىتىدە خاتالىقىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتكەن بولسا، مۇددەت توشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ (    ) ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
A. كاندىدات پارتىيە ئەزاسىلىق B. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قىسمەن C. پارتىيە ئەزاسىلىق
7. كارخانا، يېزا، كەنت، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە قاتارلىقلاردىكى پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ (  )نى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشى، نورمال يۈرگۈزۈلۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
A. ماددىي مەنپەئىتى B. دېموكراتىك ھوقۇقى C. تۇرمۇش سەۋىيىسى
8. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ––– جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى شۇنداقلا (    )نىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى.
A. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى B. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرى C. جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ھەر قايسى قاتلاملار
9. پارتىيىنىڭ تۈپ مەقسىتى(   ).
A. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش B. ئۆزىنى ئويلىماي باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش C. جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش
10. پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ ئومۇمىي پروگراممىسىدا: پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدىكى كۈرەش نىشانى ئېلىمىزنى (    ) سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، دەپ شەرھلەندى.
A. باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي B. باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك C. باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق
11. پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ ئومۇمىي پروگراممىسىدا: (    ) ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى بىلەن تومۇرداش بولغان ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم يېتەكچى فاڭجېن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇلىدىغان ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان زور ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيە، دەپ تەكىتلەندى.
A. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى B. پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى C. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى
12. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى مەڭگۈ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئاددىي بىر ئەزاسىدۇر. پارتىيىنىڭ بارلىق ئەزالىرى (      ) بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى شەخسىي مەنپەئەت ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن باشقا ھەرقانداق خۇسۇسىي مەنپەئەت ۋە ئىمتىيازنى كۆزلىمەسلىكى كېرەك.
A. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا B. قانۇن ۋە سىياسەتتە C. سىياسەت ۋە بەلگىلىمىدە
13. پارتىيە نىزامنامىسىدە: پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە يىغىنىدا پارتىيىنىڭ (   )نى ئاساس كۆرسىتىپ تەنقىد قىلىدۇ،  قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىدۇ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان كادىرلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ياكى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
A. مەسئۇلى B. ھەر قانداق تەشكىلاتى ۋە ھەر قانداق پارتىيە ئەزاسى C . كادىرلىرى
14. ئىنقىلابىي ئىرادىسى ئاجىزلىشىپ كەتكەن، پارتىيە ئەزاسىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، (      ) پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيە ياچېيكىسى تەربىيە بېرىپ، ئۇنىڭدىن سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك؛ تەربىيە بېرىلسىمۇ تۈزەلمىگەن پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيىدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈش كېرەك.
A. پارتىيە ئەزاسىلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزمىگەن B. ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرمىغان C. پارتىيە ئەزاسىلىق شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغان
15. پارتىيە ئەزالىرى چوقۇم سوتسىيالىستىك يېڭى كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك (  )نى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كوممۇنىزملىق ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك.
A. دۇنيا قارىشى B. ئېستېتىك قارىشى C. شەرەپ – نومۇس قارىشى
16. پارتىيىنىڭ تۈپ تەشكىلىي پرىنسىپى(   ).
A. دېموكراتىيە تۈزۈمى B. مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى C. دېموكراتىيە –  مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى
17. پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋە كومىتېتلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە (    )نىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.
A. دېموكراتىيە B. سايلىغۇچىلار C. پارتىيە تەشكىلاتى
18. پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى بەلگىلىمە بويىچە (   )نى يولغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىشلاردىن تېخىمۇ كۆپرەك خەۋەردار قىلىش ۋە  ئۇلارغا قاتناشتۇرۇش كېرەك.
A. پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنى ئايرىۋېتىش B. ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش C. پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش
19. پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە (     ) يولغا قويۇلىدۇ.
A. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۈزۈمى B. دائىملىق ۋەزىپە ئۆتەش تۈزۈمى C. ئەزالىق تۈزۈمى
20. پارتىيە نىزامنامىسىدە: ھەر قانداق پارتىيە ئەزاسى ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، (      ) بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
A. مۇھىم مەسىلىلەردە شەخسىي قارار چىقارسا B. ئۆزىنىڭ دېگىنىدە چىڭ تۇرۇۋالسا C. مەسىلىلەردە شەخسىي قارار چىقارسا
21. پارتىيىنىڭ يۇقىرى –  تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ئۆز ئارا ئەھۋال ئالماشتۇرۇشى، ئۆز ئارا قوللىشى ۋە (     ) كېرەك.
A. ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈشى B. ئۆز ئارا تەنقىد قىلىشى C. ئۆز ئارا نازارەت قىلىشى
22. پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ۋە كومىتېتلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە، سايلىغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. سايلامدا (     ) ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
A. قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش B. نامسىز بېلەت تاشلاش C. پەرقلىق نامزات سايلىمى
23. پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيىنىڭ (   )ئارىسىدىكى جەڭگىۋار قورغىنى، پارتىيىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى.
A. ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى B. دۆلەتنىڭ تۈرلۈك تەشكىلاتلىرى C.  ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى
24. پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرى، باش ياچېيكا كومىتېتلىرى، ياچېيكا كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، مۇئاۋىن شۇجىلىرى ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن (   )غا يوللاپ تەستىقلىتىش كېرەك.
A. يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك پارتكوم B. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى C. بىر دەرىجە يۇقىرى پارتكوم 
25. پارتىيە نىزامنامىسىدە: پارتىيىنىڭ كوچا باشقارمىسى، يېزا، بازارلىق ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرى ۋە كەنت، مەھەللە تەشكىلاتلىرى (    ) دا  مەمۇرىي تەشكىلاتلارنىڭ، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئامما ئاپتونومىيە  تەشكىلاتلىرىنىڭ  خىزمەت ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
A. ئۆز رايونىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان
B. ئۆز رايونىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان
C. ئۆز ئورنىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان  
26. پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۈرلۈك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۈلگە بولۇپ ئادا قىلىشى ھەم  كوممۇنىزم ئۇلۇغ غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئېتىقادىغا ئىگە بولۇشى،  پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى،  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە ئىرادە باغلىشى،  زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىشى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلىشى، (     ) تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشى كېرەك.
A. توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى
B. توغرا نەتىجە قارىشى
C. توغرا قىممەت قارىشى
27. دېموكراتىيە –  مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى (      ) تۈزۈم.
A. دېموكراتىيە ئاساسىدا مەركەزلەشتۈرۈلىدىغان
B. مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىك
C. دېموكراتىيە ئاساسىدا مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن  مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيە بىرلەشتۈرۈلگەن
28. يېڭى پارتىيە نىزامنامىسىدە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ ( )تۈرلۈك ھوقۇقى بار، دەپ بەلگىلەنگەن.
A. ئالتە
B. سەككىز
C. ئون
29. پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيە ئىستاژى (    ) كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
A. ياچېيكا يىغىنى ئۇنى كاندىدات ئەزالىققا ماقۇللىغان
B. كاندىداتلىق مۇددىتى توشۇپ رەسمىي ئەزالىققا ئۆتكەن
C. ياچېيكا يىغىنى ئۇنى رەسمىي ئەزالىققا ماقۇللىغان
30. كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ (    ) رەسمىي پارتىيە ئەزاسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
A. ھوقۇقى
B. ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى
C. مەجبۇرىيىتى
31.  پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىشنى مۇزاكىرە قىلىپ قاراردىن ئۆتكۈزگەندە ياكى ئۇلارنى باھالىغاندا، پارتىيە ئەزاسىنىڭ   )  )، پارتىيىنىڭ باشقا ئەزالىرى ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرسە ۋە ئۇنى ئاقلىسا بولىدۇ.
A. قاتنىشىش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى يوق
B.  قاتنىشىشى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى زۆرۈر
C.  قاتنىشىش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى بار
32. پارتىيىنىڭ ئىنتىزام جازاسى (    )      دىن ئىبارەت بەش خىل بولىدۇ.
A. ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيىدە قالدۇرۇپ سىناش ۋە پارتىيىدىن چىقىرىش.
B. گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيىدە قالدۇرۇپ سىناش ۋە پارتىيىدىن چىقىرىش
C. ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيىدە قالدۇرۇپ سىناش ۋە پارتىيىدىن چىقىرىش
33.  پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكى ئاساسلىقى (  ).
A.لۇشيەن، فاڭجېن ۋە سىياسەت رەھبەرلىكى
B. سىياسىي، ئىدىيە ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىك
C. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇش
34.  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ (  )،          پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، ھەر بىر  پارتىيە ئەزاسى  پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغدىشى لازىم.
A. نامايەندىسى ۋە ۋەكىلى
B. سىمۋولى ۋە نامايەندىسى
C. ۋەكىلى ۋە سىمۋولى
35. پارتىيىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كوللېكتىپ كارخانىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى (    ) رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتنى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، ئىگىلىك باشقۇرۇشىنى دەۋر قىلىپ قانات يايدۇرىدۇ.
A. قوشۇمچە ياردەم  ۋە ياردەم بېرىش
B. رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىك
C. سىياسىي يادرولۇق
36. پارتىيىنىڭ قارارى ۋە سىياسىتىگە باشقىچە پىكرى بولسا، قارار ۋە سىياسەتنى قەتئىي ئىجرا قىلىش شەرتى ئاستىدا (    ) بولىدۇ ھەم ئۆز پىكرىنى پارتىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتىغا، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتقا سۇنسا بولىدۇ.
A. پىكىر بەرسە
B. تەكلىپ بەرسە
C. ئۆز پىكرىدە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە 
37. پارتىيە كادىرلارنى (    ) پرىنسىپى بويىچە  تاللاپ ئۆستۈرىدۇ، ياخشىلارنىلا ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز يېقىنلىرىنىلا ئىشقا قويۇشقا قارشى تۇرىدۇ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ  ئىنقىلابىيلىشىشى، ياشلاشتۇرۇلۇشى، زىيالىيلىشىشى ۋە ئىختىساسلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
A. پەزىلەتلىك ھەم بىلىملىك بولۇش
B. قىزىللاشقان ھەم ئىختىساسلاشقان بولۇش
C.  ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش
38. پارتىيە تەشكىلاتى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش، قارار چىقىرىشتا  ئازچىلىق كۆپچىلىككە بويسۇنۇش پرىنسىپىنى ئىجرا قىلىشى شەرت. مۇھىم مەسىلىلەرنى قاراردىن ئۆتكۈزگەندە ئاۋازغا قويۇش كېرەك. ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ باشقىچە پىكىرلىرى ئۈستىدە (   ).
A. ئەستايىدىل ئويلىنىش كېرەك
B. ئويلانمىسىمۇ بولىدۇ
C. ئالاھىدە ئەھۋالدا ئويلىنىشقىمۇ بولىدۇ
39. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيىمىزنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىگەندە، (     ) تا چىڭ تۇرۇشنى پۈتكۈل پارتىيىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قاتارىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇتۇش كېرەك، دېگەن مۇھىم يەكۈننى چىقارغىلى بولىدۇ.
A. پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىش
B. پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىش، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە نىزامنامىسىنى قوغداش
C. پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە نىزامنامىسىنى قوغداش
40. يېشى  18 گە توشقان  جۇڭگو ئىشچىلىرىدىن، دېھقانلىرىدىن، ھەربىيلىرىدىن، زىيالىيلىرىدىن ۋە (     ) دىن پارتىيىنىڭ پروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، پارتىيىنىڭ بىرەر تەشكىلاتىغا قاتنىشىشنى ھەم ئۇنىڭدا ئاكتىپ ئىشلەشنى، پارتىيىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە ۋاقتى – قەرەلىدە ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرۇشنى خالايدىغانلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
A. باشقا ئىنقىلابچىلار
B. باشقا ئىجتىمائىي قاتلاملاردىكى ئىلغارلار
C. باشقا ئىجتىمائىي قاتلاملاردىكى ئىنقىلابچىلار
41. پارتىيىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى شەرت. ئەگەر تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ قارارىنى ئۆز رايونى ۋە ئۆز تارمىقىنىڭ  ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ ھېسابلىسا (      )  بولىدۇ؛ ئەگەر يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئەسلىدىكى قاراردا چىڭ تۇرسا، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئۇنى ئىجرا قىلىشى ھەم ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكرىنى ئاشكارا ئېلان قىلماسلىقى شەرت، لېكىن بۇ پىكرىنى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
A. ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا
B. ئىجرا قىلمىسىمۇ
C. يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە تەشكىلاتىدىن ئۆزگەرتىپ بېرىش توغرىسىدا بىۋاسىتە يوليورۇق سورىسىمۇ
42. پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئېلان قىلماقچى بولغان مۇھىم تەشەببۇسى  پارتىيە تەشكىلاتى  قارار قىلغان  دائىرىدىن چىقىپ كېتىدىغان  بولسا، ئۇنى ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىغا   )     ) ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىدىن يوليورۇق سورىشى شەرت.
A. سۇنمىسىمۇ بولىدۇ
B. چوقۇم يوللىشى
C. يوللىسا بولىدۇ
43. پارتىيىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيىنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ، كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشىغا (      ) قىلىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، كارخانىلارنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
A. يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك
B. رەھبەرلىك  ۋە نازارەتچىلىك
C. ياردەم  ۋە نازارەتچىلىك
44. پارتىيە كادىرلارنى تەربىيىلەشكە، يېتىشتۈرۈشكە، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ۋە سىناشقا، بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ، پارتىيە (      ) يېتىشتۈرۈشكە ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
 A. ئايال كادىرلارنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى
B. ياش كادىرلارنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى
C. ئايال كادىرلارنى ۋە ياش كادىرلارنى
45. ئىسلاھات ئارقىلىق چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، (   )كە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش  ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىش ھادىسىسىنىڭ يامرىشىغا پايدىلىق تۇپراق ۋە شارائىتنى ئۈزلۈكسىز يوقىتىش كېرەك.
A. تەربىيىلەش، تۈزۈم، نازارەتچىلىك
B. قانۇن – تۈزۈم، تەربىيىلەش، نازارەتچىلىك
C. تەربىيىلەش، چەكلىمە، نازارەتچىلىك
46. پارتىيە ئەزاسى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ئۇدا (      ) پارتىيىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمىسا ياكى ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرمىسا ۋە ياكى پارتىيە تەقسىم قىلغان خىزمەتنى ئىشلىمىسە، پارتىيىدىن ئۆزلۈكىدىن ئايرىلغان، دەپ قارىلىدۇ.
A. ئالتە ئاي
B. توققۇز ئاي
C. بىر يىل
D. بىر يېرىم يىل
47. پارتىيىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا (       ) رەسمىي پارتىيە ئەزاسى تونۇشتۇرغۇچى بولۇشى شەرت.
A. بىر
B. ئىككى
C. ئۈچ
D. تۆت
48. پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ ئومۇمىي پروگراممىسىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ھەم ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى بىلەن تومۇرداش بولغان  ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم يېتەكچى فاڭجېن، (       ) جەزمەن چىڭ تۇرۇلىدىغان ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان زور ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيە.
A. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا
B. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە
C. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا
D. زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە
49. پارتىيە نىزامنامىسىدە: پارتىيىنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كومىتېتلىرىدا (      ) تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
A. كۆزىتىش
B. چارلاپ تەكشۈرۈش
C. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش
D. مەمۇرىي تەپتىش
50. پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى خەلق بەرگەن ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، پاك بولۇپ، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، جاپاغا چىداپ ئاددىي – ساددا ياشاپ، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، (   )نىڭ تەنقىدى ۋە نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
A. يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك
B. پارتىيە ۋە ئامما
C. ئۆز تارمىقىدىكى ئامما
D. ئامما
ئىككىنچى، كۆپ تاللاش سوئالى
51. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى (       )نىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى.
A . جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى
B .جۇڭگودىكى يېڭى قاتلام
C .جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرى
D .جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق
52. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى (        ) ۋەكىللىك قىلىدۇ.
A. جۇڭگودىكى ئىشچىلار سىنپىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە.
B. جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە.
C. جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە.
D. جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ  مەنپەئىتىگە.
53. ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى پارتىيىمىزنىڭ (       ).
A. دۆلەت قۇرۇش ئاساسى
B. پارتىيە قۇرۇش ئاساسى
C. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نېگىزى
D. كۈچ  – قۇۋۋەت مەنبەسى
54. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پارتىيە بەلگىسى (       )دىن تەركىب تاپقان.
A. ئوزغاق B. بولقا C. بەشيۇلتۇز D. پالتا
55. سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش پرىنسىپى (       )
A. ئورتاق بەرپا قىلىش
B. سەمىمىي – دوستانە بولۇش، تىنچ – تەرتىپلىك بولۇش
C. ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشى
D. ئورتاق بەھرىمەن بولۇش
56. سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئومۇمىي خەلق (         ) ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
A. ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان
B. تىنچ، تەرتىپلىك
C. ھەر كىم ئۆز ئورنىنى تاپىدىغان
D. ئىناق ئۆتىدىغان
57. سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا  جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، (        ) قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ.
A. دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان  ھەر خىل جىنايى قىلمىشلارغا ۋە جىنايەتچىلەرگە
B. ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى قىلىمىشلارغا ۋە جىنايەتچىلەرگە
C. كىشىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان  جىنايى قىلمىشلار ۋە جىنايەتچىلەرگە
D. كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى قىلمىشلارغا ۋە جىنايەتچىلەرگە
58. سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا (        ) كېرەك.  
A. ماركسىزملىق يېتەكچى ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇش
B. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى تۇرغۇزۇش
C. ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش
D. سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش
59. سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا خەلقىمىزنى (         ) ئىنتىزامچان خەلققە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.
A . غايىلىك
B. شەرەپ – نومۇسنى بىلىدىغان
C . ئەخلاقلىق
D . مەدەنىيەتلىك
60. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى  بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر، (         ) دىن تەركىب تاپقان ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ راۋاجلاندۇرىدۇ ۋە زورايتىدۇ.
A. سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر
B. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر
C. كوممۇنىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر
D. سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى
61. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا خەلقنىڭ (        ) ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
A. دۆلەت ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش
B. خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش
C. ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش
D. خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىسى
62. پارتىيە قۇرۇلۇشىدا جەزمەن (       ) ئاساسىي تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش  كېرەك.
A. پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش
B. ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش
C. جان  – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش
D. دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش
63. جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيىسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا (         ) كېرەك.
A. سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش
B. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاققا تايىنىپ ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش
C. پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن – تېخنىكا – مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش
D. پەن – تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش
64. سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ھەم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك (       ) بىلەن تەمىنلەيدۇ.
A. ئىدىيىۋى كاپالەت             
B. قانۇن – تۈزۈم كاپالىتى
C. مەنىۋى تۈرتكە     
D. ئەقلىي مەدەت 
65. پارتىيە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا بولغان رەھبەرلىكنى ئاساسلىقى (         ) تەرەپتىن كۈچەيتىشى كېرەك.
A. ئىتتىپاق كادىرلىرىنى ئەستايىدىل تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە تەربىيىلەش
B. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيىنىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ۋە ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن جۇشقۇن، جانلىق، رەڭگارەڭ بولغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشىنى پائال قوللاش
C. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى ۋە كەڭ ياشلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش
D. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزالىرىنى پارتىيىگە كىرىش ئوبيېكتلىقىغا  كۆرسىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ھەم ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تەشكىلاتىغا يېڭى قان يەتكۈزۈپ، پارتىيىنىڭ  ياخشى زاپاس قوشۇنى بولۇشىغا ياردەم بېرىش
66. سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشتا (        ) كېرەك.
A. سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى كېڭەيتىش
B. سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت بەرپا قىلىش
C. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
D. خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىسىنى مۇستەھكەملەش
67. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا، خەلق  قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە، (         ) دە  چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
A. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى
B. مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى
C. ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمى
D. پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى
68. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە (         ) نى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش شەرت.
A. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش
B. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى
C. سىياسىي قۇرۇلۇش
D. ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش
69. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى پەن – مائارىپقا تايىنىپ گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى، ئىختىساسلىقلار دۆلىتى ئىستراتېگىيىسىنى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، (       ) ئارقىلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
A. پەن – تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش
B. پەن  – تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىش
C. ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش
D. ئىختىساسلىقلارنى، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەش
70. ‹‹كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى›› دىكى بەلگىلىمە بويىچە پارتىيە ئەزالىرى تۆۋەندىكى قايسى يىغىنلارغا قاتنىشىشقا ھوقۇقلۇق؟ (      )
A. پارتگۇرۇپپا يىغىنى
B. ياچېيكا يىغىنى
C. پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى
D. ئۆزىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسى ۋە ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يىغىن
71. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيىنىڭ سىياسەت ۋە نەزەرىيە مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش جەريانىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلىشى، پارتىيىنىڭ (        ) بىلەن ئاساسىي تەجرىبىلىرىگە خىلاپ قاراش ۋە پىكىرلەرنى ئاشكارا ئېلان قىلماسلىقى كېرەك.
A. ئاساسىي نەزەرىيىسى    
B .ئاساسىي لۇشيەنى
C. بارلىق ھۆججىتى      
D. ئاساسىي پروگراممىسى
72. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقارغان مەسىلىلەرگە  بەلگىلىمە بويىچە قاتنىشىش، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بار. ئاۋاز بەرگەندە (          ) بولىدۇ.
A. قوشۇلسا B. قوشۇلمىسا C. ۋاز كەچسە D. ئەرز قىلسا
73. ‹‹كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى›› نىڭ 18 – ماددىسىدا: پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە خىزمىتىگە قويغان تەكلىپ ۋە تەشەببۇسلىرىنى قوللىشى ھەم مەدەت بېرىشى، تۈرلۈك ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن، تۆۋەندىكى قاراشلار ئىچىدە قايسىلىرى توغرا؟ (       )
A. پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ ۋە تەشەببۇسىنى ئەستايىدىل ئاڭلىشى، مۇزاكىرە قىلىشى، مۇۋاپىق تاپقانلىرىنى  قوبۇل قىلىشى كېرەك
B. ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە زور ياردىمى بولسا، شۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە تەشەببۇس قىلغان پارتىيە ئەزاسىنى  تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش كېرەك
C. ئوخشىمىغان پىكىردىكى پارتىيە ئەزاسى پارتىيىنىڭ قارار ۋە سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلغان بولسىلا، ئۇنى كەمسىتىشكە ياكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولمايدۇ
D. خاتا پىكىردە چىڭ تۇرغان پارتىيە ئەزاسىغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇنى تەربىيىلەش كېرەك
74. ‹‹كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى››نىڭ 19 – ماددىسىدا: پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە ناتوغرا ئىستىل بىلەن كۈرەش قىلىشىنى قوللىشى ھەم ئۇلارنى قوغدىشى، پاش قىلغان، مەلۇم قىلغان كىشىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ توغرا ئۇسۇلى (       )تىن ئىبارەت، دەپ بەلگىلەنگەن.
A. پاش قىلغان، مەلۇم قىلغان كىشىنى ھەم پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەزمۇنىنى قەتئىي مەخپىي تۇتۇش، پاش قىلىش، ئەرز قىلىش ماتېرىيالىنى پاش قىلىنغۇچى، ئەرز قىلىنغۇچى تەشكىلات ياكى خادىمغا بېرىشنى قاتتىق چەكلەش
B. پاش قىلغان، مەلۇم قىلغان كىشىنى ياكى ئەرز قىلغۇچىنى كەمسىتىش، تەڭقىسلىقتا قويۇش ، باستۇرۇش ھەم ئۇلارغا ھەر خىل شەكىلدە زەربە بېرىش، ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشنى قەتئىي چەكلەش
C. ھەقىقىي ئىسمىنى يېزىپ پاش قىلغان، مەلۇم قىلغان كىشىنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا قايتا زىيارەت قىلىش ياكى جاۋاب خەت يېزىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ نەتىجىسىدىن  خەۋەرلەندۈرۈش
D. مەلۇم قىلىنغان قانۇن – ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى ئېنىقلاپ دەلىللىگەندىن كېيىن، تەقدىرلەش ياكى مۇكاپاتلاش
75. پارتىيە ئەزاسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پارتىيە تەشكىلاتىدىن ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان (       )كە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.
A. تەلەپ B. ئەرز C. شىكايەت   D .ئىلتىماس
76. پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئەرزىنى ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئەرزىنى مۇناسىۋەتلىك پارتىيە تەشكىلاتى بەلگىلىمە بويىچە (        ) كېرەك.
A. قايتا قاراپ چىقىشىB. قايتا تەكشۈرۈشى C. قارار چىقىرىشى D. بېسىپ قويماسلىقى
77. پارتىيە تەشكىلاتى سايلام ئۆتكۈزگەندە، سايلىغۇچىلارنىڭ  ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلىشى كېرەك، پارتىيىنىڭ ھەر قانداق تەشكىلاتى ۋە ھەر قانداق پارتىيە ئەزاسى (        ) قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ.
A. پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيە ئىچىدە  سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى  ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا يۈرگۈزۈشىگە ھەرقانداق شەكىلدە توسقۇنلۇق قىلىش B. سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بار كىشىنىڭ نەق مەيدانغا كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش C. سايلىغۇچىنى مەلۇم كىشىنى سايلاش ياكى سايلىماسلىققا زورلاش D. قانۇنسىز تەشكىلىي پائالىيەت قىلىپ سايلامغا توسقۇنلۇق قىلىش                     
78. پارتىيە تەشكىلاتى سايلام ئۆتكۈزگەندە، نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى پارتىيە تەشكىلاتى ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ تولۇق كېڭىشىشىدىن ھەم مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، نامزاتلارنىڭ ئەھۋالىنى سايلىغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇش كېرەك. نامزاتلارغا (         ) بولىدۇ، قارشى ئاۋاز بەرگەنلەر باشقىلارنى سايلىسا بولىدۇ.
A. قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرسە B. قارشى ئاۋاز بەرسە C. تەنقىد قىلسا D. سايلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە
79. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلغان پارتىيە ئەزاسىنى ئۇ تەۋە بولغان پارتىيە تەشكىلاتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى (       )  قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ  بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.
A. دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇش B. كەچۈرۈم سوراشقا بۇيرۇش C. ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇش D. سۆزلىشىپ ئاگاھلاندۇرۇش ياكى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىش
80. سايلامغا قاتناشقان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ (         ) ھوقۇقى بار.
A. نامزاتلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش B. نامزاتلارنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش C. ھەر قانداق بىر نامزاتنى سايلىماسلىق D. باشقىلارنى سايلاش
81. پارتىيە ئەزالىرى سىياسىي، خىزمەت، ئۆگىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ياردەم بېرىپ ھەل قىلىشىغا ئېھتىياجلىق بولغاندا (       ) ئىلتىماس سۇنۇشقا ھوقۇقلۇق.
A. ئۆزى تەۋە پارتىيە تەشكىلاتىغا B. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا C. مەركىزىي كومىتېتقا D. ھەر قانداق پارتىيە تەشكىلاتىغا
82. پارتىيە ئەزاسى پارتىيە تەشكىلاتى ئۆزىگە بەرگەن (       ) قايىل بولمىسا، ئۆزى تەۋە پارتىيە تەشكىلاتى، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى ھەتتا مەركىزىي كومىتېتقا ئەرز سۇنۇشقا ھوقۇقلۇق.
A. جازاغا B. باھالاشقا C. تەكشۈرۈش يەكۈنىگە D. باشقا جازالارغا
83. مۇھىم مەسىلە ئاساسلىقى (       ) خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قاتارلىق جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر؛ يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشنى بېكىتكەن باشقا مەسىلىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
A. پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە چېتىشلىق ئىشلار B. مۇھىم خىزمەت ۋەزىپىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى C. كادىرلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدىغان كادىرلارنى كۆرسىتىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش –  ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، يۆتكەش ۋە مۇكاپاتلاش – جازالاش D. پارتىيىگە ئەزا قوبۇل قىلىش
84. پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئىلتىماسنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى كېرەك. كونكرېت مەسىلىگە ئاساسەن (         ) كېرەك.
A. بەزىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى B. بەزىلىرىگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشى C. بەزىلىرىگە تەربىيە بېرىپ  قايىل قىلىشى D. بەزىلىرىنى ۋاقتىنچە باسۇرۇپ قويۇشى
85. پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى (         ) كېرەك.
A. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۈلگە بولۇپ رىئايە قىلىشى ۋە ئۇنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى B. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى C. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى D. ھەقىقىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى
86. پارتىيە  نىزامنامىسىنىڭ ئومۇمىي پروگراممىسىدا: پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيىنىڭ(           ) نى كۈچەيتىشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى شەرت، دەپ تەكىتلەنگەن.
A. سىياسىي قۇرۇلۇش B. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى C. ئىلغارلىق قۇرۇلۇشى D. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى
87. پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ  ئومۇمىي پروگراممىسىدا: (          ) نىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش  يولىدا مېڭىش شەرت، دەپ تەكىتلەنگەن.
A. پارتىيە رەھبەرلىكى B. خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى  خوجا بولۇشى C. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە
D. دۆلەتنى قانۇن ئىدارە قىلىش
88. پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى (         ) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
A. پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيىنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىنى قوغداش B. پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قارارلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش C. پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەملىشىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق قىلىش ھەم ئۇنى ماسلاشتۇرۇش D. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ  ئەرزىنى ۋە شىكايىتىنى  قوبۇل قىلىش
89. (         )  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ دائىملىق خىزمەتلىرى
A. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە ئەزالىرىغا ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا دائىم تەربىيە بېرىدۇ، پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىدۇ B. پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشى ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ C. پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىغا ۋە پارتىيىنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر بىر قەدەر مۇھىم ياكى مۇرەككەپ دېلولارنى تەكشۈرىدۇ ھەم بىر تەرەپ قىلىدۇ، شۇ دېلولاردىكى پارتىيە ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان جازانى قارار قىلىدۇ ياكى  بىكار قىلىدۇ D. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شىكايىتىنى ۋە ئەرزىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
90.  پارتىيە نىزامنامىسىدىكى  پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە: (       )
A. پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىغا نىسبەتەن ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ، ئادەمنى قۇتقۇزۇش روھى بويىچە خاتالىقىنىڭ خاراكتېرىگە ۋە قىلمىشىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ تەنقىد – تەربىيە بېرىشى، ھەتتا ئىنتىزام جازاسى بېرىشى كېرەك B. جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان  پارتىيە ئەزالىرىنى  پارتىيىدىن چىقىرىش شەرت C. پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنى چوقۇم پارتىيىدىن چىقىرىش شەرت D. پارتىيە ئىچىدە پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە نىزامنامىسىگە ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ۋاسىتىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش، زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش ۋە قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ
91. دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى  ۋە تەرەققىياتىدىكى  تۈپ سەۋەب يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكىلەردىن  ئىبارەت: (         )
A.سوتسىيالىستىك تۈپ تۈزۈم  بىلەن بازار ئىگىلىكىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردۇق B. ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىدا چىڭ تۇردۇق C. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئاچتۇق D. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردۇق
92. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى (           ) قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسى.
A. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى B. ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى C. ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى D. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى
93. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، دېموكراتىيە، قانۇن ئىدارە قىلىش (        )، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنى ماسلاشتۇرۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە سوتىسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ.
A. ئادىل – ھەققانىي بولۇش، سەمىمىي – دوستانە بولۇش B. ئادىل – ھەققانىي بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز ئارا ياردەم بېرىش C. ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇش، تىنچ – تەرتىپلىك بولۇش D. ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇش، دوستانە – ئىناق بولۇش
94.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى (         ) پرىنسىپى بويىچە پارتىيىمىزنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كومپارتىيىلەر ۋە باشقا پارتىيىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ
A. مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش B. پۈتۈنلەي باراۋەر بولۇش C. بىر بىرىگە ھۆرمەت قىلىش D. بىر بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق
95. پارتىيە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئامما بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ، (          ) چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا، ئۆزىنى ئاممىدىن ئۈستۈن قويۇشىغا يول قويمايدۇ.
A. ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتە B. خەلققە رىشتە باغلاشتا C. خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەشتە D. ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈشتە
96. پارتىيە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشىپ، (         )تە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشى كېرەك.
A. ھاكىمىيەتنى ئىلمىي يۈرگۈزۈش B. ھاكىمىيەتنى ئىناق يۈرگۈزۈش C. ھاكىمىيەتنى دېموكراتىك يۈرگۈزۈش D. ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش
97. مەركەز ۋە جايلاردىكى دۆلەت ئورگانلىرى (        )نىڭ رەھبىرىي ئورگانلىرىدا پارتگۇرۇپپىسى قۇرۇلسا بولىدۇ. پارتگۇرۇپپىسى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
A. خەلق تەشكىلاتلىرى B. ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار C. مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرى D. باشقا پارتىيىسىز تەشكىلاتلار
98. پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرىنى (       )، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ، پارتىيىۋىلىكىنى كۈچەيتىدۇ، پارتىيىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىدۇ.
A. تەربىيىلەيدۇ B. باشقۇرىدۇ C. نازارەت قىلىدۇ D. مۇلازىمەت قىلىدۇ
99. پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىدا كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخسلەر ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە پارتىيە كومىتېتى كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، (          ) پرىنسىپى بويىچە كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىدۇ.
A. رەھبەرلىك قارار قىلىشB. دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش C. ئايرىم پىكىرلىشىش D. يىغىندا قارار قىلىش
100. پارتىيە ئىچىدە پارتىيە ئەزالىرىغا (          ) خىلاپ ۋاسىتىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش قەتئىي مەنئى  قىلىنىدۇ، زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش ۋە قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.
A. پارتىيە نىزامنامىسىگە B. دۆلەت قانۇنىغا C. پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئىرادىسىگە D. پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئەركىنلىكىگە

 پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسىنىڭ جاۋاب كارتىسى

 

A B C D

A B C D

 A B C D

A B C D

 A B C D

01.○○○○
02.○○○○
03.○○○○
04.○○○○
05.○○○○
06.○○○○
07.○○○○
08.○○○○
09.○○○○
10.○○○○
11.○○○○
12.○○○○
13.○○○○
14.○○○○
15.○○○○
16.○○○○
17.○○○○
18.○○○○
19.○○○○
20.○○○○

21.○○○○
22.○○○○
23.○○○○
24.○○○○
25.○○○○
26.○○○○
27.○○○○
28.○○○○
29.○○○○
30.○○○○
31.○○○○
32.○○○○
33.○○○○
34.○○○○
35.○○○○
36.○○○○
37.○○○○
38.○○○○
39.○○○○
40.○○○○

41.○○○○
42.○○○○
43.○○○○
44.○○○○
45.○○○○
46.○○○○
47.○○○○
48.○○○○
49.○○○○
50.○○○○
51.○○○○
52.○○○○
53.○○○○
54.○○○○
55.○○○○
56.○○○○
57.○○○○
58.○○○○
59.○○○○
60.○○○○

61.○○○○
62.○○○○
63.○○○○
64.○○○○
65.○○○○
66.○○○○
67.○○○○
68.○○○○
69.○○○○
70.○○○○
71.○○○○
72.○○○○
73.○○○○
74.○○○○
75.○○○○
76.○○○○
77.○○○○
78.○○○○
79.○○○○
80.○○○○

81.○○○○
82.○○○○
83.○○○○
84.○○○○
85.○○○○
86.○○○○
87.○○○○
88.○○○○
89.○○○○
90.○○○○
91.○○○○
92.○○○○
93.○○○○
94.○○○○
95.○○○○
96.○○○○
97.○○○○
98.○○○○
99.○○○○
100.○○○○

جاۋاپ بېرىش كارتىسىنى چۈشۈرۈش

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ