باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
نۇر بەكرى: ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ، شەھەر – يېزىلاردىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدۇ
2008- 07- 07 12:04 تەڭرىتاغ تورى

       ئۆز خەۋىرىمىز : 5 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر – يېزىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا : شىنجاڭ شەھەر – يېزىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ يولغا قويۇپ ، شەھەر – يېزىلاردىكى ئاساسلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداشلىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ، شەھەر – يېزىلاردىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ ، شەھەر – يېزىلاردىكى ئاساسلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداشلىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ ، دېدى.

     نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يەر كۆپ تەۋرەيدىغان ، يېرى كەڭ ، جۇغراپىيىلىك شارائىتى مۇرەككەپ رايون بولۇپ ، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەھدىتىگە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ ، 2001 – يىل دۆلەت ئېلان قىلغان يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش دەرىجىسى ئۆلچىمىگە ئاساسەن ، رايونىمىزدىكى 87 ناھىيە ، شەھەرنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش دەرىجىسى 6 بالدىن يۇقىرى بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،ئاپتونوم  رايونىمىز شەھەر – يېزىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى . ئاساسلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداشلىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن ، يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەردە  سىناقلاردىن ئۆتۈپ ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جىسمانىي ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدالدى . بىراق، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى مۇداپىئە خىزمىتى جەھەتتە، يەنە نۇرغۇن ئاجىز ھالقىلار ساقلانماقتا ، ھەر قايسى جايلار ۋە تارماقلار شەھەر – يېزىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىشى، ئىلمىي پىلانلاپ ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى، بۇ خىزمەتنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا بەخت ئېلىپ كېلىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ، ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي ئۈنۈم يارىتىشى لازىم.

     نۇر بەكرى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى جايلار ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ، ئاپتونوم رايون يولغا قويۇش تەدبىرلەردە بەلگىلەنگەن تۈرلۈك نىشان ، ۋەزىپىلەرنى  ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرپ ، شەھەر ، يېزىلاردىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش لازىم . ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر رەتكە تۇرغۇزۇپ باھالاش ئاساسىدا ، يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردىكى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان مەكتەپ ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئاممىۋى قۇرۇلۇشلار ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىگە نىسىبەتەن مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشى كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ، ھەر قايسى جايلار سېلىنمىنى زورايتىپ ، مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە قېپ قالغان 830 مىڭ يېزا ئاھالىسىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك . يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆيى سېلىنىپ بولغان دېھقانلارنىڭ كونا ،خەتەرلىك ئۆيلىرى ئىشلىتىشتىن توختىتىلىپ ، دەرھال چېقىۋېتىلىشى لازىم.  

     نۇر بەكرى مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار شەھەر ، يېزىلاردا پىلانلاش، ئۇنىۋېرسال تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ، شەھەر ، بازارلارنى ئېچىش سالمىقىنى قانۇنلۇق كونتىرول قىلىپ ، شەھەر، يېزىلاردىكى يەر تەۋرەشتىن پاناھلىنىدىغان جايلار ۋە تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان يوللارنى راۋانلاشتۇرۇپ ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشىغا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك . يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تېزلىتىپ ، ئۇزاق مۇددەتلىك باشقۇرۇش مېخانزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، مەڭگۈلۈك سۈپەت مەسئۇلىيەتچانلىقى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، خىزمەت سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىك نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش لازىم.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ