|
ۋېن جياباۋ شاڭخەيدە پورت قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 4 – ئىيۇلدىن 6 – ئىيۇلغىچە ، جياڭسۇ ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ، بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى . تەكشۈرۈشتە ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، بىز خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىكى پايدىسىز ئامىللار ۋە ئېغىر تەبئىي ئاپەت ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كەلدۇق ، دۆلەت ئىقتىسادى داۋاملىق كۆزلىمە نىشان بويىچە ئالدىغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ياخشى بولدى . بىز نۆۋەتتىكى ئىقتىساد ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا پايدىلىق بولغان شەرت – شارائىتلار ۋە ئاكتىپ ئامىللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ، ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە قەتئىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىمىز ؛ ئالدىمىزدا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقنى تولۇق مۆلچەرلەپ ۋە ئەھمىيەت بېرىپ ، ھەر خىل مۇرەككەپ ۋەزىيەتتىكى خىرىسقا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇپ ، ئىقتىسادنىڭ ھەم تېز ، ھەم ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىلىرى سۈرىشىمىز لازىم .

ۋېن جياباۋ جياڭسۇدا ‹‹لوڭتېڭ››فوتو ئېلېكتىر پەن – تېخنىكا شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە

ۋېن جياباۋ جياڭسۇ‹‹ خۇاخېڭ››كەپشەرلەش ئۈسكۈنىلىرى تېخنىكا شىركىتىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
|