باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
خۇ جىنتاۋ ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلدىغان سەككىز دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
2008- 07- 07 09:36 تەڭرىتاغ تورى

      جۇڭگو ئاخبارات تورى 7 –ئىيۇل تېلېگراممىسى : ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇتيەن كاڭفۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۈگۈن (7 – ئىيۇل) دىن 9 – ئىيۇلغىچە ياپونىيىنىڭ خوككايدۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سەككىز دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ .

     سەككىز دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى بۈگۈن (7 – ئىيۇل) باشلىنىدۇ . دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ، سەككىز دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلىرى يىغىن مەزگىلىدە ، يەر شارى پارنىك ئېففېكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ، دۇنيا ئاشلىق ۋە خام نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى بولىشى ھەمدە چاۋشىيەن يادرو مەسلىسى قاتارلىق پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان يىغىن كۈن تەرتىپىگە قويۇلغان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ .

      بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىغا سەككىز دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىدىن باشقا يەنە جۇڭگو ، ھىندىستان قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى تەكلىپكە بىنائەت يىغىنغا قاتنىشىدۇ . 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ