باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
مەركىزىي بانكا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خاتىرە پۇلى تارقاتتى
2008- 07- 07 09:00 تەڭرىتاغ تورى

      جۇڭگو خەلق بانكىسى بۈگۈن(7–ئىيۇل) ئۆزىنىڭ تور پونكىتىدا 2008–يىلى 8–ئىيۇل 29–نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خاتىرە پۇلى تارقىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . خاتىرە پۇلىنىڭ قىممىتى 10 يۈەن بولۇپ ، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان خەلق پۇلى بىلەن ئوخشاش ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن . 

     خاتىرە پۇلنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە : تىك يۆنىلىشتىن قارىغاندا ، پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىنىڭ سول تەرەپ ئۈستۈنكى قىسمىدا ‹‹10››رەقىمى يېشىل رەڭدە كۆرۈنىدىغان بولۇپ ، ئوتتۇرىسىدا توغرا يۆنىلىنىشلىك يورۇقلۇق يالى بار ؛ تۈز قارىغاندا ، ‹‹10››رەقىمى كۆك رەڭدە بولۇپ ، كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، رەقەمنىڭ رەڭگىمۇ يېشىل بىلەن كۆك رەڭگە ئالمىشىپ كۆرۈنىدۇ . پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىنىڭ سول تەرىپىدە بوشلۇق بار بولۇپ ، يورۇقلۇق ئۆتكۈزۈپ كۆزەتكەندە ، 2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق تەنتەربىيە مەيدانى–دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ سىزما نۇسخىسى ئېنىق كۆرۈنىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا ‹‹10›› رەقىمىنىڭ ئۆزگىرىشچان ئۈنۈمگە ئىگە كۆرۈنۈشى ، ئاستىنقى قىسمىغا‹‹29–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى›› دېگەن خەت شەكلى كۆرۈنىدۇ .      

      خاتىرە پۇلنىڭ يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن سۈرەتتە ‹‹BEYJING2008›› ،‹‹10›› ۋە ‹‹ئوخشاش دۇنيا ، ئوخشاش ئارزۇ›› دېگەن خەتلەر بار بولۇپ ، بۇ خاتىرە پۇلدىن مەملىكەت دائىرىسىدە جەمئىي 6 مىليون پارچە تارقىتىلىدىكەن .   

 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ