|

ئىككى يىلدىن كېيىن قەشقەر–خوتەن تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى پۈتىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن خوتەننىڭ بىخەتەر ، قولايلىق تۆمۈر يولى قاتنىشى باشلىنىپ ، خوتەن شەھىرى ۋە لىنىيە بويىدىكى ناھىيە–شەھەرلەر زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ . 1999–يىلىنىڭ ئاخىرىدا پويىز قاتناشقا باشلىغان جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ كورلا–قەشقەر بۆلىكى بۇنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ .
جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى كورلا–قەشقەر بۆلىكىدە پويىز قاتنىغاندىن بۇيان ، قەشقەر بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان قولايلىق ، بىخەتەر ، تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قاتنىشىدا ماددىي ئەشيا ئوبوروتى ، يولۇچى توشۇش ئىشلىرى مەركەزلەشكەن . بۇنىڭ بىلەن قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېخىمۇ تېزلىشىپ ، تۆمۈر يول بويىدىكى رايونلارمۇ نەپكە ئېرىشتى .
|