باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بوران–چاپقۇندا چېنىققان قۇدرەتلىك، ئۇلۇغ پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ87 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
2008- 07- 04 10:43 شىنجاڭ گېزىتى

   يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا مۇھىم باسقۇچلۇق غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەن، بېيجىڭ ئو ت م گە يەنە 38 كۈن قالغان مۇشۇنداق مۇھىم پەيتتە، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق.

   قاينام – تاشقىنلىق 87 يىل، 87 يىللىق شانلىق مۇساپە.پارتىيىمىز بۈگۈنكى كۈندە راۋاجلىنىپ، 73 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار، 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتتە ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن پارتىيىگە ئايلاندى. پارتىيىمىز بوران – چاپقۇنلۇق 87 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك ۋە ئۇلۇغ پارتىيىگە ئايلاندى، پارتىيىمىزنىڭ ئورگانىزمى چەكسىز ھاياتىي كۈچكە تولدى؛ پارتىيىمىز 87 يىل جەريانىدا خەۋپ – خەتەرلەر سىنىقىدىن ئۆتۈپ، تېخىمۇ پىشقان پارتىيىگە ئايلاندى، پارتىيىمىزنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ شانلىق ئۇتۇققا ئېرىشتى.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تارىخى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئازادلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان تارىخ، تۈرلۈك تۈمەن خەۋپ – خەتەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىگەن تارىخ.

   بۇ يىلقى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە پارتىيىمىز يەنە يېڭى ئېغىر سىناققا دۇچ كەلدى. مۇشۇنداق پەيتتە، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قەتئىي ۋە تەمكىن بولۇپ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى باشلاپ جاپا – مۇشەققەتنى بىر نىيەتتە ئورتاق يېڭىشكە ئاتلاندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن خەلق قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، مەردانىلىك بىلەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللىي روھنى نامايان قىلدى، پارتىيە رايى، خەلق رايى مىسلىسىز مۇجەسسەملەشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيىمىز مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلىيەلەيدۇ، تۈرلۈك جاپا – مۇشەققەت ۋە خەۋپ – خەتەرنى يېڭەلەيدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بەرپا قىلىشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن – ئاخىر پۈتكۈل مەملىكەت خەلقىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولالايدۇ.

   تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ – خەتەر سىنىقى ئالدىدا، پارتىيىنىڭ ھەر بىر تەشكىلاتى بىر جەڭ ئىستىھكامى، ھەر بىر ئەزاسى بىر قىپقىزىل بايراق بولالايدۇ. مەيلى ئۇرۇش يىللىرىدا بولسۇن مەيلى تىنچ قۇرۇلۇش قىلىش مەزگىلىدە بولسۇن پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىلەن پارتىيە ئەزالىرى خەلقنىڭ مەنپەئىتى ھەممىدىن ئەلا دېگەن ئىدىيىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا قەتئىي سادىق بولدى. ھەرقانداق مۈشكۈلات كوممۇنىستلارنى باش ئەگدۈرەلمىدى؛ خەۋپ – خەتەرلەرنىڭ سىنىقى كوممۇنىستلارنىڭ پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇۋېتەلمىدى. ھالقىلىق پەيتلەردە، خەتەرلىك چاغلاردا پارتىيىلىك كادىرلار بىلەن پارتىيە ئەزالىرى مەيدە كېرىپ مەيدانغا چىقالايدۇ، ھەممىنىڭ ئالدىدا جەڭگە ئاتلىنالايدۇ. نەدە خەتەر ، نەدە قىيىنچلىق بولسا، شۇ جايدا پارتىيە ئەزالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى رەھبەرلىك يادروسىلىق، جەڭگىۋار قورغانلىق، نەمۇنىلىك – باشلامچىلىق ۋە ئاۋانگارت – نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەڭداشسىز جەڭگىۋارلىقى ۋە قۇدرەتلىك ئۇيۇشقاقلىقىنى نامايان قىلىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ – خەتەرنى يېڭەلەيدىغان مۇستەھكەم قورغانغا ئايلىنالايدۇ.

   بوران  –  چاپقۇندا قەھرىماننىڭ خىسلىتى نامايان بولىدۇ، جاپا  –  مۇشەققەت پەزىلەتنى تاۋلايدۇ. 87 يىلدىن بۇيان، پارتىيىمىز نۇرغۇن ئازاب – ئوقۇبەت، جاپا – مۇشەققەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ قەد كۆتۈردى،  نۇرغۇن قېتىم تاۋلىنىپ تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، پارتىيىمىز  خەلق ئۈچۈن جان دىل خىزمەت قىلىشتەك تۈپ مەقسەتتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى؛ پارتىيىمىز ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق كۈچەيتىشتە باشتىن  –  ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيىسى بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ماركسىزمچى پارتىيىگە خاس ئىلغار خىسلىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ قالدى.
بىز ئالغا بېسىش يولىمىزدا يەنە ئۇنداق ياكى مۇنداق قىيىنلىق ۋە خەۋپ – خەتەرگە، يەنە ئۇنداق ياكى مۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىمىز. ھازىر ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسى ناھايىتى جاپالىق بولۇۋاتىدۇ، ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىش نىشانىغا يېتىش قەدىمىمىز تېخىمۇ تەخىرسىز ھالەتكە يەتتى. شۇڭا بىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قولىمىزدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش – قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى،  بىر قولىمىزدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا ھاسىل قىلغان ئۇلۇغ روھنى ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق شەكىللەندۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

   بىز  بۇ يىل  بېيجىڭ ئو ت م نى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىمىز،  ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز. جۇڭخۇا مىللەتلىرى100 نەچچە يىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئو ت م كاتتا مەرىكىسى بىزنى چاقىرماقتا، جۇڭگو خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىدىغان ئۇلۇغ ئىشلار بىزنى ئالغابېسىشقا ئۈندىمەكتە. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بوران – چاپقۇندا چېنىققان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ پارتىيىمىز تارىخ تاپشۇرغان ئېغىر تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، پارتىيە  17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى سەپەردە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بيېجىڭ، 30 – ئىيۇن تېلېگراممىسى)

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ