باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
‹‹23 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى››نىڭ بەلگىسى ، قۇت بەلگىسى ئېلان قىلىندى
2008- 07- 04 10:39 تەڭرىتاغ تورى

      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى 3 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ پەن – تېخنىكا سارىيىدا ‹‹23 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى››نىڭ بەلگىسى ، ‹‹ قۇت بەلگىسى ››نى ئېلان قىلدى ھەمدە ‹‹23 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى››نىڭ بەلگىسى ،‹‹ قۇت بەلگىسى ››نىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى .

23 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسى

     مەملىكەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى— 20 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە مەملىكەت خاراكتېرلىك ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلىدىغان بىر تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال پەن – تېخنىكا مۇسابىقىسى بولۇپ ، ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يۈزلەندۈرۈلگەن ئۈلگىلىك ۋە يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە پەن – تېخنىكا تەربىيىسى پائالىيىتىنىڭ بىر تۈرى .

     ئىگىلىنىشچە ، 23 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن ، كۆرگەزمە باشلىنىش مۇراسىمى ، يېپىلىش مۇراسىمى ، تۈرنى باھالاپ بېكىتىش ۋە نامايەن قىلىش ، تەقدىرلەش پائالىيىتى قاتارلىق تۈرلە بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن .

23 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ‹‹ قۇت بەلگىسى››

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ