باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
‹‹قەشقەر سودا يەرمەنكىسى›› خۇلاسىلاش ، تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 07- 04 09:43 تەڭرىتاغ تورى

       4 – نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا ، جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى››نىڭ تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلاپ ، ئىلغارلانى تەقدىرلەپ ، بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ھەقىقىي مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ، كېيىنكى نۆۋەتلىك ‹‹قەشقەر سودا يەرمەنكىسى››نىڭ دەرىجىسى ۋە سەۋىيىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئېچىلغان 4 – نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا ، جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى››نى خۇلاسىلاش ، تەقدىرلەش يىغىنى 3 –ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن قەشقەر ۋىلايەتلىك يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى . 

      قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى خۇاڭ سەنپىڭ بۇ قېتىمقى يەرمەنكە ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى : بۇ قېتىمقى يەرمەنكە  دەرىجىسى يۇقىرى ، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ سودا يەرمەنكىسى بولۇپ ، بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە جەمئىي 976 كۆرگەزمە ئورنى سېتىلدى . يەرمەنكىگە قاتناشقان ئادەم سانى 8108 بولۇپ ، 10 دۆلەتتىن كەلگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ، دىپلوماتىيە ئەلچىلىرى ، كارخانىچى ، سودىگەرلەر شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى 22 ئۆلكە ، رايون ، شەھەر ھەمدە شىنجاڭدىكى 21 نازارەت ، ئىدارە ، ۋىلايەت ، ئوبلاست ۋە تەيۋەن ، شياڭگاڭ قاتارلىق رايونلاردىن كەلگەن سودا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ، كارخانىچى ، سودىگەرلەر يەرمەنكىگە قاتناشتى .

      ئىگىلىنىشچە ، بۇ قېتىمقى قەشقەر يەرمەنكىسىدە جەمئىي ئىمزالانغان توختام تۈرى 316 بولۇپ ، ئومۇمىي سوممىسى 24 مىليارد 350 مىليونغا يەتكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش تۈرى 274 بولۇپ ، مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 15 مىليارد 700 مىليونغا ؛ ئىمپورت – ئېكسپورت سودا توختامى 29 بولۇپ ، سودا ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە ؛ چەت ئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سالغان توختام تۈرى 1 بولۇپ ، توختام ئومۇمىي سوممىسى 50 مىليون يۈەنگە ؛  دۆلەت ئىچى سودا توختام تۈرى 12 بولۇپ ، سودا ئومۇمىي سوممىسى 330 مىليون يۈەنگە يەتكەن .

     يىغىندا ‹‹قەشقەرسودا يەرمەنكىسى››دىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخىسلەر تەقدىرلەندى .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ