|

3–ئىيۇل ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇۋېي ، ئىران خۇراسان —لازاۋېي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى لىسا ئابدۇمالىك ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئابدۇمالىك باشچىلىقىدىكى بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە 30 كىشى بولۇپ ، ئۇلار 3–ئىيۇلدىن 6–ئىيۇلغىچە شىنجاڭدا سودا ھەمكارلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتتە بۇلىدىكەن.
خۇۋېي ئاۋۋال ئابدۇمالىك باشچىلىقىدىكى مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خۇۋېي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىنى ئېچىۋېتىش ئىسىتراتېگىيىسىدىكى مۇھىم ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربىي ئاسىيا ، جەنۇبىي ئاسىيا ، ياۋروپا ، روسىيە قاتارلىق يەرلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن سودا ئالاقىسى قويۇق. جۇڭگو بىلەن ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان ، سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجدىمائىي ساھەلەردە بىر بىرىنى ئۆزئارا قوللىشىپ كەلدى . مەن بۇ قېتىملىق ‹‹خۇراسان —شىنجاڭ سودا ھەمكارلىق سۆھبىتى››دىن كېيىن ،ئۆزئارا چۈشىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، بىرلىكتە ئىزدىنىپ ، كۆپلەپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدىشىمىزنى ئۈمىت قىلىمەن.
لىسا ئابدۇمالىك مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىم شىنجاڭ ئىران ئىككى تەرەپنىڭ سودا ، قۇرۇلۇش مەبلىغى، يېزا–ئىگىلىكى ، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىدا ئەمەلىي، يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىگە تىلەكداشمەن.
|