باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئىلى دەريا ۋادىسىدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەردى
2008- 07- 04 09:14 تەڭرىتاغ تورى

      بۇ يىل ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان ، شىنجاڭ ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ ھاۋا كېلىماتى نورمالسىز بولۇپ ، يامغۇر ناھايىتى ئاز يېغىپ ، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى ئېغىر بولدى . ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم ،  خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ھەر قايسى ناھىيىلەر ئاكتىپ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى .

      قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدە ، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق سەككىز ناھىيە ئىككى شەھەردىكى 1 مىليون مو يەردىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى زىيانغا ئۇچرىدى ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 600 مىڭ مو يەردىن پەقەتلا ھوسۇل ئالغىلى بولمايدىكەن . چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىمۇ زور زىيانغا ئۇچراپ ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى 50 مىليون مودىن ئارتۇق ئوتلاق قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ، ئوت–چۆپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى% 40 تىن% 60 كىچە تۆۋەنلەپ كىتىپ ، چارۋىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى . نىلقا ناھىيىسى ، كۈنەس ناھىيىسى ، توققۇز تارا ناھىيىسى ، تېكەس ناھىيىسى ، غۇلجا ناھىيىسى ۋە چاپچال ناھىيىسى قاتارلىق جايلار ئاپەتنىڭ زىينىغا ئېغىرراق ئۇچرىغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە نىلقا ناھىيىسىدىلا 100 مىڭ مو يەردىكى دېھقانچىلىق  زىرائەتلىرى زىيانغا ئۇچرىدى ھەمدە ئوت–چۆپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى نورمال يىللاردىكىدىن % 60 تىن كۆپرەپ تۆۋەنلەپ كەتتى .  

      ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال تېلېۋىزىيە يىغىنى چاقىرىپ ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ، ھۆكۈمەتلەرنى قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى ھەمدە مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ھەر قايسى ناھىيىلەردە ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى .

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ