باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
قەشقەر–خوتەن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى
2008- 07- 03 17:59 تەڭرىتاغ تورى

       3–ئىيۇل ، سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ، قەشقەردىن خوتەنگە تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنى خوتەن ۋىلايىتىدە تەنتەنىلىك ئېچىلدى .

      جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت ، تۆمۈر يول مىنىستىرلىكى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، مىنىستىر ليۇ جېجۈن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىق رەھبەرلەر بۈگۈنكى سەپەرۋەرلىك يىغىنغا قاتناشتى . يىغىندا ، تۆمۈر يول مىنىستىرلىكى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، مىنىستىر ليۇ جېجۈن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى مۇھىم سۆز قىلدى . ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لو جىنباۋ قەشقەر–خوتەن تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى . جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى .
      قەشقەر–خوتەن تۆمۈريولى — جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريول لىنىيىسىى قەشقەر بېكىتىدىن رېلىس ئۇلاپ ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ ، يېڭىسار ،  يەكەن ، قاغىلىق ، گۇما قاتارلىق ناھىيىلەردىن ئۆتۈپ خوتەن شەھىرىگە تۇتىشىدۇ . ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 487 كلومېتىر بولۇپ ، بۇ تۈرگە كېتىدىغان مەبلەغ 4 مىليارد 640 مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن . پىلان بويىچە 2008–يىلى سىنتەبىردە پۈتۈن لېنىيىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ ، 2011–يىلى فېۋرالدا پۈتتۈرۈلىدىكەن .
      قەشقەر –خوتەن تۆمۈريولى دۆلەتنىڭ II دەرىجىلىك تاق لىنىيىلىك تۆمۈر يول ئۆلچىمى بويىچە لايىھىلەنگەن بولۇپ ، پۈتۈن لىنىيىدە قەشقەر شەھىرى ، يېڭىشەھەر ، ئاقتۇ ، يېڭىسار ، يەكەن ، پوسكام ، قاغىلىق ، گۇما ، قارا قاش ، خوتەن شەھىرى قاتارلىق ئون يولۇچىلار ۋوگزالى تەسىسى قىلىنغان . 

      قەشقەر –خوتەن تۆمۈريولىنى ياساپ چىقىش بولسا دۆلەتنىڭ ‹‹غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش›› ئىستىراتېگىيىسى شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر .   
      بۇ لىنىيە بويىدىكى رايونلىرىنىڭ زېمىنى بىر قەدەر كەڭ .  رايونلارغا مول قېزىلما بايلىق مەنبەسى جايلاشقان ، كۆمۈر ، گەج ، سېرپېننتىن ، نېفىت ، تەبىئىي گاز ، قاشتېشى قاتارلىق مەنبەلەرنىڭ ئېچىلىشىدىن زور ئۈمىد بار .
      قەشقەر–خوتەن تۆمۈريولىنىڭ ياسىلىشى 3 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈپ كەلگەن مۇھىم ئىش. قەشقەر–خوتەن تۆمۈر يولى ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن قەشقەر ، خوتەن رايونلىرىنىڭ قېزىلما بايلىق مەنبەسى ، ساياھەت بايلىقى مەنبەلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېچىلىشىغا پايدىلىق شۇنداقلا بۇ رايونلارنىڭ سانائەت ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ، يول بويىدىكى رايونلارنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يول تورى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ، رايونلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى قاتارلىق تەرەپلەردە مۇھىم رولىنى جارىي قىلدۇرىدۇ .
    بۇ سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نازارەت ، ئىدارىلەر ، كومىتېت ، ئىشخانىلارنىڭ رەھبەرلىرى ، تۆمۈر يول مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسى ، تۆمۈريول لايىھىلەش ، قۇرۇش ، نازارەت قىلىش ، باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى ۋە لىنىيە بويىدىكى ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەر ، ناھىيىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى ھەمدە شۇ يەردىكى ھەر مىللەت خەلقى ئاممىسى قاتناشتى . 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ