باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ھايۋانات كارانتىن ئاپتوموبىلىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
2008- 07- 03 09:39 شىنجاڭ گېزىتى

  

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھايۋانات كارانتىن ، نازارەتچىلىك ئۈسكۈنىسى قۇرۇلۇش تۈرى ئاپتوموبىلىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى 2 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ۋە دۆلەت يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ باۋۋېن ئاپتوموبىللارنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تۈر ئورنىنىڭ ۋەكىللىرىگە ئاپتوموبىلنىڭ ئاچقۇچىنى تارقىتىپ بەردى.

      ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ رەھبەرلىرىدىن نېي ۋېيگو، ياڭ گاڭ، بەي جىجې، بېيجىڭ ئاپتوموبىل زاۋۇتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ۋاڭ جاڭ قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

     ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ قېتىم ھايۋانات كارانتىن، نازارەتچىلىك ئۈسكۈنىسى قۇرۇلۇش تۈرىگە تەقسىم قىلىنغان ھايۋانات كارانتىن، نازارەتچىلىك ئاپتوموبىلى 71 بولۇپ ، تۇنجى تۈركۈمدە 28 ئاپتوموبىل تەقسىم قىلىنغان . بۇ تۈر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ناھىيە (شەھەر، رايون) لىرىدا يولغا قويۇلۇپ ، تۈر ئورۇنلىرىغا زۆرۈر قاتناش قورالى ۋە ئۈسكۈنە – ئەسۋابلارنى سەپلەپ بېرىش ئارقىلىق ، ناھىيە دەرىجىلىك ھايۋانات سەھىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسىي ئۈسكۈنە شارائىتى ۋە خىزمەت شارائىتى تەدرىجىي ياخشىلىنىدىكەن ، بۇ ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھايۋانات سەھىيە نازارەتچىلىكى جەھەتتىكى قانۇن ئىجراسى سەۋىيىسىنىڭ يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

   ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. 


( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ