باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
خۇ جىنتاۋ ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون بىلەن كۆرۈشتى
2008- 07- 03 09:34 تەڭرىتاغ تورى

      شىنخۇا تورى بېيجىڭ 2 – ئىيۇل تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون بىلەن كۆرۈشتى . 

      كۆرۈشۈشتە خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى : يېڭى ئەسىر ، يېڭى ۋەزىيەتتە ، ب د ت دۇنيانىڭ تىنىچلىق ۋە تەرەققىياتىدا  مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى . خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولۇش ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو ب د ت نىڭ قوللىغۇچىسى شۇنداقلا مۇھىم ھەمراھى . جۇڭگو ‹‹ ب د ت نىزامنامە››سىنىڭ ئاساسىي بەلگىلىمىرى ۋە پىرىنسىپىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ ، ب د ت نىڭ ھەر ساھە خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ ، مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ب د ت بىلەن بولغان قۇيۇق ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلايدۇ . جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ، باش كاتىپنىڭ خىزمىتىگە يېقىدىن ماسلىشىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ .

      بان كىمون مۇنداق دېدى : جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكمەكتە . جۇڭگو خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارىي قىلدۇرماقتا .

      ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ب د ت جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنىچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش جەھەتلەردە ئوينىغان رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەمدە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالتە تەرەپ سۆھبەت مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ . ب د ت جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، نۆۋەتتىكى دۇنيادىكى چىگىش ، مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ . ب د ت يەنە جۇڭگونىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەردە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ