باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بۈگۈن باشلاندى
2008- 07- 03 08:59 تەڭرىتاغ تورى

      سىچۈەندىكى ميەنجۇ شەھىرى خەنۋاڭ يېزىلىق دوڭچى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 3– يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن پېڭ لى ، ۋاڭ لى ، جاۋ سېلى قاتارلىقلار يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئامان قالغاندىن كېيىن چۇڭچىڭدا داۋالىنىۋاتاتتى . ئالاقىدار تارماقلار ئۇلار ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئالاھىدە ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىپ بەردى . بۈگۈن(3–ئىيۇل) ، ئاپەت رايونىدىن كەلگەن بۇ بىر نەچچە ئوقۇغۇچى كېسەل كارىۋىتىدا كېچىكتۈرۈپ ئېلىنغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ . 

      ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كېچىكتۈرۈپ ئېلىنىدىغان رايونلاردىكى ئىمتىھان ۋاقتىنىڭ توشۇشىغا ئەگىشىپ ، سىچۈەن ئۆلكىسى ميەنياڭ شەھىرى بېيچۈەن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىمتىھان بېسىمنى يەڭگىللەتمەكتە . 2008–يىللىق دۆلەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانى بۈگۈن (3–ئىيۇل) باشلىنىدۇ . 

  

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ