باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
غولامجان تۇرسۇن ‹‹ ساتار شاھى›› نى ياساپ چىقتى
2008- 07- 02 14:26 تەڭرىتاغ تورى

سۈرەتتە :‹‹ ساتار شاھى›› يەرمەنكىگە قويۇلدى 

       ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن خەۋىرى، فوتوسى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ھۈنەر كالامىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابلىرى ئاساسىدا ‹‹ زىلتار›› ،‹‹ مۇڭتار›› ،‹‹ دىلتار›› ، ‹‹ غولتار›› قاتارلىق بىر يۈرۈش يېڭى چالغۇلارنى ئىجاد قىلىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلگەن قەشقەر شەھىرى قوغان يېزا ھەزرەت كەنتىدىكى مىللىي چالغۇ ئەسۋاپلىرى ئۇستىسى غولامجان تۇرسۇن يېقىندا يەنە ‹‹ ساتار شاھى›› نى ياساپ چىقتى.
      غولامجان ‹‹ ساتار شاھى›› نى  ياساپ چىقىش ئۈچۈن سەككىز ئاي سەرپ قىلغان بولۇپ ، بۇ ساتارنىڭ ئېگىزلىكى 3.75 مېتىر، كەڭلىكى 0.75 مېتىر كېلىدۇ. ئىگىلىنىشچە ، قەشقەر سودا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە بۇ ساتار يەرمەنكە ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ ، بىر قىسىم سودىگەرلەر ئۇنىڭغا 30 مىڭ يۈەن باھا قويغان.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ