باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
قەشقەر خەلقئارا سودا يەرمەنكىسىدە
2008- 07- 02 14:22 تەڭرىتاغ تورى

     * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن خەۋىرى، فوتوسى : ‹‹ 4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا—جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى ›› مەزگىلىدە ۋىلايەت بويىچە دۆلەت ئىچى- سىرتى مەبلەغ سېلىش تۈرىدىن 254 ى ئىمزالانغان بولۇپ ، ئىمزالىغان تۈر سوممىسى 13مىليارت 530 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە توختام تۈرى 185 ، كېلىشىم تۈرى 69 ، بىرىنچى كەسىپ تۈرى 11 ، ئىككىنچى كەسپ تۈرى 170، ئۈچىنچى كەسىپ تۈرى 73، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان تۈر  3 ، سالىدىغان مەبلىغى 275 مىليون يۈەن ، دۆلەت ئىچىدىكى سودىگەرلەر بىلەن 16 تۈردە كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ ، تۈر سوممىسى 220 مىليون يۈەن بولغان .


سۈرەتتە: ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈشلەر

     * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى ، فوتوسى :  6- ئاينىڭ 29- كۈنى يەنى قەشقەر سودا يەرمەنكىسى باشلىنىپ 2- كۈنى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ يەرمەنكە ئورنى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى . بۇ كۈنى قاغىلىق خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، تونۇلغان ياش ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ يەرمەنكە ئورنىغا قويۇلغان كەشتە ئىشلەنگەن قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىغا ئىمزا قويۇپ بېرىش بىلەن بىرگە ناخشا ئېيتىپ ، يەرمەنكە كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.

سۈرەتتە : ئەركىن ئابدۇللا ئىمزا قويماقتا

     * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى ، فوتوسى : يېڭىشەھەر ناھىيىسى بارىن يېزىسىنىڭ قېچىچا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 31 ياشلىق ياغاچچى سادىق تاھىر ئىككى ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ، ئۈجمە ۋە  ياڭاق دەرىخى ياغىچىدىن ياساپ چىققان ياغاچ ۋېلىسپىتنى قەشقەر يەرمەنكىسىگە قويۇپ ، باشلانغان تۇنجى كۈنىلا يەرمەنكە ئەھلىنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالدى. ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ۋېلىسپىتنىڭ زەنجىرىدىن باشقا قىسىملىرىنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغانىكەن .

 سۈرەتتە: يەرمەنكە ئەھلى سادىق تاھىر ياسىغان ۋېلىسپىتنى كۆرمەكتە      

       * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى ، فوتوسى : تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن 4- نۆۋەتلىك قەشقەر سودا يەرمەنكىسىگە تولۇق تەييارلىق بىلەن كەلگەن بولۇپ ، يەرمەنكە باشلىنىشى بىلەنلا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى تاجىك خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە ، مىللىيچە ئۇسسۇلى بولغان ‹‹بۈركۈت ئۇسسۇلى›› نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ ، يەرمەنكە ئەھلىنىڭ دىققىنى تارتىپ ، يەرمەنكىدىكى يارقىن نوقتىغا ئايلاندى. بۇ ناھىيە بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق يەرمەنكىدىكى تەجىرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ ، ئارتۇقچىلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ ، تولۇق تەييارلىق بىلەن قاتناشقان . بۇ يىل بۇ ناھىيە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلىرى ئۈچۈن 27 كۆرگەزمە ئورنى تەييارلاپ ، ئېگىزلىكنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن پامىر مىنېرال سۈيى ، ئېگىزلىك كۆكتاتلىرىدىن چامغۇر ، سەۋزە ، سامساق ، كان بايلىقلىرى تۈرىدىكى مەھسۇلاتلاردىن كۆمۈر ، قوغۇشۇن ھەمدە مىللىي كىيىم– كېچەك ، كەشتە بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق چوڭ تۆت تۈر  11 كىچىك تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى يەر مەنكىگە قاتناشتۇرۇرغان .  نەتىجىدە بۇ قېتىم تاشقورغان ناھىيىسى 27 كارخانا بىلەن كان بايلىقلىرىنى ئېچىش، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ، ساياھەت نوقتىلىرىنى ئېچىش، يول ياساش قاتارلىق تۈلەر بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ ، ئومومىي تۈر مەبلىغى 1 مىليارد 443 مىليون 700 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.    
       تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى دىلمۇرات ئىبراھىم مۇنداق دېدى : بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە ناھىيىمىزنىڭ خاسلىققا ئىگە مەھسۇلاتلىرى خېلىلا بازار تاپتى . بۇندىن كېيىن ، بىز ئۆزىمىزنىڭ خاسلىققا ئىگە مەھسۇلاتلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى نامايەن قىلىپ ، تەجىربىلەرنى يەكۈنلىگەن ئاساستا يېڭىلىق يارتىپ ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايمىز.

سۈرەتتە:  تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ يەرمەنكە ئورنى    

      * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى ، فوتوسى : 4- نۆۋەتلىك قەشقەر سودا يەرمەنكىسىدە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدىكى ئوراپ قاچىلىنىشى نەپىس ، ئېلىپ يۈرۈشكە ، ئىشلىتىشكە ئەپلىك سۈرمە تېشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالدى.
        سۈرمە تاش تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ خاسلىققا ئىگە ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، پارقىراق سوزۇنچاق كەلگەن بىر خىل مەدەن كان بايلىقى ، تەركىبىدە  He ماددىسى ۋە كۆزگە پايدىلىق بولغان نۇرغۇن ئېلمىنىتلار بار بولۇپ ، كۆز كېسەللىكلىرىدىن كۆز قىزىرىش ، كۆز چاناقلىرى ئۈششۈپ قېلىش ، كۆزگە يىڭنە ئاسقۇ چىقىپ قىلىش ، كۆزدىن ياش ئېقىش قاتارلىقلارغا داۋا بولىدىغان بولۇپ ، قىز-ئاياللارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان گېرىم بۇيۇمى ھىسابلىنىدىكەن. 
      بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە قاتناشقان تاجىك زىبۇ-زىننەت، قول-ھۈنەر ساياھەت بويۇملىرى سېتىش مەركىزىنىڭ خوجايىنى قوزى مەمەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىلقى يەرمەنكىگە قويغان سۈرمە تېشىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولدى. يەرمەنكە باشلىنىپ ئىككى كۈندىلا 5000 يۈەندىن كۆپرەك سودا قىلدىم ، ماللىرىم يېتىشمەي تاش قورغاندىن يەنە بىر تۈركۈم سۈرمە تېشىنى يۆتكەپ كەلدىم. پەرىزىمچە قالغان بىر نەچچە كۈندە سۈرمە تېشىنىڭ سودىسى تېخىمۇ  قىززىپ كېتىشى مومكىن.

سۈرەتتە: قوزى مەمەت سۈرمە تېشى ساتماقتا    

    * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى ، فوتوسى : تۇنجى قېتىم قەشقەر سودا يەمەنكىسىگە قاتناشقان قەشقەر جىنلۇ ئاپتوموبىل سېتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ‹‹جىياڭنەن ئاۋتو›› ماركىلىق ئاپتوموبىلنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇپ ، بىر تۈركۈملىرىنى سېتىپ چىقاردى. 

سۈرەتتە: شىركەت خادىملىرى خېرىدارلارغا ئاپتوموبىلنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇشتۇرماقتا

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ