باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپتونوم رايون پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ87 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى
2008- 07- 02 09:58 شىنجاڭ گېزىتى

ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى ، بىر تۈركۈم ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىسى تەقدىرلەندى

      ئاپتونوم رايون 1 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىلىرى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىنى تەقدىرلىدى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇپ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، بىر قولدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتكومنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولى، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق – نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، بېيجىڭ ئو ت م نىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، نيې ۋېيگو، فۇ چياڭ، خەن يۇڭ، لى يى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىلىرى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىنى تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى.

    غۇلجا شەھىرى دۆڭ مەھەللە ئىش باشقارمىسى باغچا كوچا ئاھالە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسى قاتارلىق 50 ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، كۆشۈرباي بايدۆۋلەت قاتارلىق 100 مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، شۈ فېڭ قاتارلىق 48 مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى پارتكومى قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى 15 ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە فۇ لىپىڭ قاتارلىق 19 مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى تەقدىرلەندى. گېزىتىمىزنىڭ خەنزۇ مۇخبىرلار بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسى ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى›› دېگەن نامغا ئېرىشتى.

    ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەبرىكلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان كومپارتىيە ئەزالىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. پارتىيىلىك كادىرلار نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى بىلەن مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادى، جەمئىيىتىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تۈپ تەلىپىنى باشتىن –  ئاخىر ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، جان – دىلى بىلەن ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى كۆزلىشى كېرەك. ئىلغارلىق تەربىيىسى پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىشى كېرەك. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، پاك بولۇش ئېسىل ئىستىلىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك. تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، بېيجىڭ ئو ت م نىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ھازىرقى مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىدىكى 1 –  ۋەزىپە قىلىپ، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، خىزمەتلەردە قىلچە سەۋەنلىك كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتى بىلەن خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

    يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىلىرى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

    يىغىندىن ئىلگىرى ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋەكىللىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.     

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ