|

موڭغۇلىيە يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 1 – ئىيۇل نۇرغۇنلىغان قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتۇردا نامايىش ئېلىپ بېرىپ ، ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلىنغان پارلامېنت سايلام نەتىجىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن . نامايىشچىلارنىڭ قارىشىچە بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىنى باشقىلار كونتىرول قىلىۋالغان ئىكەن .
نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، شۇ كۈنى موڭغۇلىيە چوڭ سايلىمىدا غەلبە قىلىدىغانلىقىنى جار سالغان موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ باش شىتاب ئىشخانىسىغا ئوت كەتكەن . نۆۋەتتە ، ھېچقانداق ئۆلۈش ، يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن . نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىدا ساختىلىق بار دەپ قارىغان .

موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ باش شىتابىدىكى ئوت
ئۇلانباتۇر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، مۇڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىسى 30 – ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، بۇ پارتىيىنىڭ سايلامدىكى ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان . ئۇ مۇنداق دېگەن : ‹‹خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ ، پارتىيىمىزنىڭ سايلامدا غەلبە قىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىشىپ بولدى ››.
ئەگەر خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى سايلامدا غەلبە قىلسا ، بۇ پارتىيە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ئاساسەن ، ئۆز ئالدىغا مىنىستىرلار كابېنتىنى تەشكىل قىلىشى مۇمكىن ئىكەن .

ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرمەكتە
موڭغۇلىيىنىڭ يېڭى پارلامېنت سايلام قانۇنىغا ئاساسەن ، دۆلەت پارلامېنت سايلىمى ئىلگىرىكى 76 سايلام رايونىنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن پارلامېنت ئەزاسى سايلاپ چىقىشتىن ، ھازىرقى 21 ئۆلكە ۋە پايتەخت ئۇلانباتۇردا 26 سايلام رايونى تەسىس قىلىپ ، سايلام رايونىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس سانى قاتارلىق شەرتلەرگە ئاساسەن ھەر بىر سايلام رايونىدا 2–4 كىچە پارلامېنت ئەزاسىنى تاللاپ بېكىتىشكە ئۆزگەرتىلگەن . يېڭى سايلام قانۇنى سايلام رايونى ئاز بولۇش ، سايلام رايونىنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، سايلام رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىك دەرىجىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن .
|