|
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن خەۋىرى ، فوتوسى :
قەشقەر سودا يەرمەنكىسى بۇ يىل 4- يىلىغا قەدەم قويدى . نۆۋەتتە ، بۇ يەرمەنكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەسىرى بارغانسېرى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ، يەرمەنكە مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىدىغان چەت ئەللىك سودىگەرلەرمۇ بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى.

سۈرەتتە: قىرغىزىستانلىق سودىگرلەر يەرمەنكىدە تىجارەت قىلماقتا
* قاغىلىق ناھىيىسى بۇ قېتىمقى قەشقەر خەلقئارا سودا يەرمەنكىسىدە بىر قىسىم كارخانىلار بىلەن تۆمۈر رودىسى تاۋلاش ، قوغۇشۇن تاۋلاش، مىس ئايرىش قاتارلىق 25 تۈر بويىچە 2مىليارت 200 مىليون يۈەنلىك توختام پۈتۈشكەن . بۇ تۈرلەر ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى بىرلا ۋاقىتتا ھەل بولىدىكەن .

سۈرەتتە :30- كۈنى ، قاغىلىق ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئىسمائىل ئابدۇسېلىم قەشقەر سودا يەرمەنكىسىىڭ قاغىلىق كۆرگەزمە زالىدا خېرىدارلارغا ناھىيىنىڭ كان مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا
* شىنجاڭ ‹‹ ئالتۇن ياپراق›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بۇ قېتىمقى قەشقەر سودا يەرمەنكىسىگە 200 خىلدىن ئارتۇق ‹‹ خانئوردا›› فار –فۇر بۇيۇملىرىنى قاتناشتۇرغانىدى. ئۇلارنىڭ بۇ مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى ۋە بېزىلىشىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن خېرىدارلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندى.

سۈرەتتە: شىركەتتىكى ئالاقىدار خادىملار مەھسۇلاتلىرىنى يەرمەنكە ئەھلىگە تونۇشتۇرماقتا
* قەشقەر سودا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە بىر قىسىم ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن مەخسۇس لايىھىلەپ چىققان ئالاھىدە قول ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە نانلىرىنى بازارغا سېلىپ ، يەرمەنكىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشتى.

سۈرەتتە: خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن سودا ئۆمىكىدىكى خادىملار ئۆ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا
 سۈرەتتە: ناھىيىلەردىن كەلگەن كەشتىچى قىزلار مەھسۇلاتلىرنى تەييارلىماقتا
 سۈرەتتە: ئامما كونىشەھەر ناھىيسىدىكى دېھقانلار ياققان دىيامېتىرى 1.5 مېتىر كېلىدىغان ئولىمپىك نېنىنى قىزىقىش بىلەن كۆرمەكتە
* قەشقەر شەھىرى قوغان يېزا ھەزرەت كەنتىدىكى مىللىي چالغۇ ئەسۋاپلىرى ئۇستىسى غولامجان تۇرسۇن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ھۈنەر كالامىنى ئىشقا سېلىپ ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابلىرى ئاساسىدا ‹‹ زىلتار›› ،‹‹ مۇڭتار›› ،‹‹ دىلتار›› ، ‹‹ غولتار›› قاتارلىق بىر يۈرۈش سازلارنى ئىجاد قىلىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

سۈرەتتە : ئۇ ، يېقىندا ئۆزى ئىجات قىلغان چىمەن دوپپا نۇسخىسىدا لايىھىلەپ ياساپ چىققان ئېرخۇ (ساز) نى چالماقتا
|