|

شىنخۇا تورى پارىژ 30 – ئىيۇن تېلېگراممىسى : فرانسىيە بۈگۈن (1 – ئىيۇل) دىن باشلاپ سلوۋېنىيىنىڭ ئورنىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى . فرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزې ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا ئاممىسىنى ھىمايە قىلىشىنى كۈچەيتىپ ، ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى .
فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 30 – ئىيۇن دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۇشىنىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىس دۆلىتىنىڭ ‹‹گۇۋاھلىق نىشانى››نى ئېلىش ئۈچۈن سلوۋېنىيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى .
شۇ كۈنى كەچتە ، پارىژدا بىر قاتار تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ ، فرانسىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىس دۆلىتى بولغانلىقى تەبرىكلەندى ھەمدە ئېيففېل تۆمۈر مۇنارىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بايرىقىغا سىمۋول قىلىنغان كۆك رەڭلىك چىراقلار يېقىلىپ ، پارىژ كېچىسى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىردى .

ئېيففېل تۆمۈر مۇنارى
|