|
ئاينۇر نىياز
ئىناق مەدەنىيەت ئىناق ئىدىيىنى يادرو ۋە قىممەت ئۆلچىمى قىلىدىغان ئىدىيىۋى قاراشنى ئاساس قىلغان تەپەككۇر ئۇسۇلى، ھەرىكەت مىزانى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىيات بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت شەكلى، مەدەنىيەت ھالىتى ۋە مەدەنىيەت ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىناق جەمئىيەتكە بولغان ئومۇمىي قارىشى ۋە پوزىتسىيىسىدۇر. 17 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ‹‹ئىناق مەدەنىيەت بارلىق خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم مەنىۋى تىرەك›› دەپ كۆرسىتىلدى. پارتىيىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئېلىمىزنى قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئورتاق ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. شۇڭا ئىناق مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتا پۈتكۈل جەمئىيەتتە قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرىدىغان ئورتاق غايىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولۇشى ئۈچۈن كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:
بىرىنچىدىن، ئىناق مەدەنىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىدىيىنى يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىدىيىۋى ئاساس سېلىشىمىز لازىم. جەمئىيەتنىڭ ئىناق، ئىتتىپاق، مۇقىم بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئىلغار ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئىناق مەدەنىيەتنىڭ يېتەكلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى توغرا يېتەكلەش ۋە ئۇلارغا ياخشى باشلامچىلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىناق مەدەنىيەت بەرپا قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغاچقا، جۇڭگوچە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تۈپ تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ ۋە ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇڭا ئىناق مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتا ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئورتاق غايىسى ۋە ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ھاسىل قىلىشىمىز؛ سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېتەكچى ئىدىيىنى بىر مەنبەلشتۈرۈش بىلەن ئىجتىمائىي ئىدىيىنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىرتەرەپ قىلىپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىناق مەدەنىيەت بەرپا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشىمىز لازىم.
ئىككىنچىدىن، ئىناق مەدەنىيەتنىڭ قىممەت جەھەتتىكى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولۇشى ئۈچۈن توغرا قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز لازىم. ئىناق مەدەنىيەت جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلانغان توغرا قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنداق قىممەت قارىشى جەمئىيەتتە غايەت زور يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە بىرلىككە كەلگەن قىممەت نىشانى ۋە قىممەت ئۆلچىمىنى تۇرغۇزغاندىلا، كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى توغرا قىممەت قارىشى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ تۈپ ئاساسى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تېزلىشىۋاتقان شارائىتتا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولۇشىدىكى ئىدىيە – ئەخلاق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا ماركسىزمنى يېتەكچى قىلغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئورتاق ئېتىقاد، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان، مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساس قىلغان دەۋر روھى مۇجەسسەملەشكەن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەپ، بۇ ئارقىلىق توغرا قىممەت يۈزلىنىشى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەڭ كەڭ ئىجتىمائىي ئىدىيىۋى ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرۈشىمىز لازىم.
ئۈچىنچىدىن، ئىناق مەدەنىيەتنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەخلاق ئېڭىنى كۈچەيتىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك ئەخلاقىي مەدەت بىلەن تەمىنلىشىمىز لازىم. جەمئىيەت ئەزالىرى ئورتاق بويسۇنىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانىنى شەكىللەندۈرۈش ئىناق مەدەنىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئۇ مۇئەييەن ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان ھەرىكەت مىزانى ئارقىلىق كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئادەم بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولۇش – بولماسلىقى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ ماس، راۋان بولۇش – بولماسلىقىنى، ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانى ۋە جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەخلاق ساپاسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى بەلگىلەيدۇ. ياخشى ئەخلاق مىزانى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى بولمىسا، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئىناق مەدەنىيەت تەشەببۇس قىلغان ۋە يېتىلدۈرگەن ئەخلاق مىزانى چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاق، كەسىپ ئەخلاقى، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى مۇھىم مەزمۇن قىلغان بولۇشى كېرەك. شۇڭا سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەدەنىي ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، ئىناق مەدەنىيەتنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى قېلىپلاشتۇرۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم.
تۆتىنچىدىن، ئىناق مەدەنىيەت بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياخشى مەدەنىيەت مۇھىتى يارىتىشىمىز لازىم. ئىناق مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتا پارتىيىمىزنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىناق مەدەنىيەتنىڭ ئىدىيىنى ئويغىتىش، كەيپىياتنى جاللاندۇرۇش، بىلىم تارقىتىش، كىشىلەرگە ئىلھام بېرىشتىكى ئاكتىپ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىناق جەمئىيەت ئۈچۈن ياخشى مەدەنىيەت مۇھىتى يارىتىشىمىز كېرەك.
|