|
مېھرىگۈل ئارسلان
پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹ئىدىيىنى ئازاد قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى قىممەتلىك گۆھەر›› دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ، پارتىيىمىزنىڭ 30 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا توپلىغان تارىخىي تەجرىبىلىرىدىن چىقىرىلغان يەكۈن. ئەمەلىيەت ئىدىيىنى ئازاد قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇڭا ئىدىيىنى ئازاد قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش پارتىيىمىزنىڭ ئىدىيىۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. چۈنكى:
1. ئىدىيىنى ئازاد قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش پارتىيىنىڭ ئىدىيىۋى لۇشيەنىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى نىزامنامىسى››دە ‹‹پارتىيىنىڭ ئىدىيىۋى لۇشيەنى بارلىق ئىشلاردا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقەتنى سىناش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش›› دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا پارتىيىنىڭ ئىدىيىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىدىيىنى ئازاد قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىۋاتقان ئەمەلىيەتكە ماسلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيىمىز ماركسىزمچى سىياسى پارتىيە، پارتىيىنىڭ ئىدىيىۋى لۇشيەنىنى ئېنىق تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشتا ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىشىمىز كېرەك. ماركسىزم: دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر ئومۇميۈزلۈك ئالاقە ۋە مەڭگۈلۈك تەرەققىيات ئىچىدە تۇرىدۇ، ئىنسانلار تاشقى ئوبيېكتىپ دۇنيانى بىلىش ۋە چۈشىنىشنى ئەمەلىيەت بىلىش، يەنە ئەمەلىيەت يەنە بىلىشتىن ئىبارەت تەكرار جەريان ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. بۇ تۈپ پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن ئىدىيىنى ئازاد قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. پارتىيىمىزنىڭ ئىدىيىۋى لۇشيەنىدە ماركسىزمنىڭ بۇ تۈپ پرىنسىپى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ھازىر پارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىدىيىنى ئازاد قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا ‹‹ئۈچتە ئازاد بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، يەنى پارتىيىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىدىيىمىزنى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كەلمەيدىغان قاراش، ئۇسۇل ۋە تۈزۈلمىلەرنىڭ كاشىلىسىدىن ئازاد قىلىشىمىز؛ ئىدىيىمىزنى ماركسىزمغا بولغان خاتا ھەم دوگما چۈشەنچىلەرنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلىشىمىز؛ ئىدىيىمىزنى سۇبيېكتىۋىزم ۋە مېتافىزىكىلىق قاراشلارنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت ۋە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى دۆلەت ئەھۋالى ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
2. ئىدىيىنى ئازاد قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تەلىپى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، سىرتقا ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 يىلدىن بۇيان بىز ئىدىيىنى ئازاد قىلىش ۋە قاراشنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەچكە، سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالىدۇق. يېزا ئىسلاھاتىدىن تارتىپ شەھەرلەردىكى ئىسلاھاتقىچە، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن تارتىپ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئومۇمىيۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە باسقان ھەر بىر قەدىمىمىز ئىدىيىنى ئازاد قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئىدىيىنى ئازاد قىلىش ھەقىقەت توغرىسىدا بوشاشماي ئىزدىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىمىزنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ. دەۋر قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەتنى بىلىشنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ. شۇڭا ئىدىيىنى ئازاد قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.
يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتا ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. بىز ئاز ئۇچرايدىغان پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز، خىرىسمۇ ناھايىتى كۆپ، ئەمما پۇرسەت خىرىستىن كۆپ. ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويدى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، جەمئىيەت ۋە مەنپەئەت قۇرۇلمىسى شۇنداقلا ئىدىيىۋى قاراشتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات تېز بولۇش بىلەن بىللە، چوڭقۇر قاتلامدىكى بىرمۇنچە زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرمۇ بارغانسېرى ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ، ئالايلۇق: قويۇۋېتىش تىپىدىكى ئېشىش شەكلىدە تېخى تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈزۈلمە ۋە مېخانىزم جەھەتتىكى توسالغۇلار يەنىلا مەۋجۇت، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇ، بىزدىن يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئەمەلىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسى بويىچە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، تۈرلۈك خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پائال ھەل قىلىشىمىزنى؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ھەرقانداق خەۋپ – خەتەردىن قورقماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا داۋاملىق مېڭىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
3. ئىدىيىنى داۋاملىق ئازاد قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش ئىلمىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيىنى داۋاملىق ئازاد قىلىپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى. پارتىيىنىڭ ئىدىيىۋى – نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بولۇپمۇ قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور نەزەرىيىۋى قاراش، زور ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيە، مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىدىيىنى داۋاملىق قوراللاندۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
ئىدىيىنى داۋاملىق ئازاد قىلىش بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۆزئارا بىردەكلىككە ئىگە. ئىدىيىنى داۋاملىق ئازاد قىلىش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسى ھەم ئالدىنقى شەرتى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدىيىنى داۋاملىق ئازاد قىلىشنىڭ تۈپ مەقسىتى ھەم مۇھىم نۇقتىسى. بۇ دىئالېكتىك مۇناسىۋەتنى توغرا ئىگىلەش بىزدىن ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماس كەلمەيدىغان تونۇش، قاراش ۋە ئۇسۇللارنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ئەھۋاللارنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى توپلاپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى دۆلەت ئەھۋالى دەۋر، ۋەزىيەت ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىپىلەرنىڭ تەلىپىگە ھەقىقىي ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئىدىيىمىزنى داۋاملىق ئازاد قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا ئىزچىل يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىشىمىز كېرەك.
|