باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە ئىزچىل چىڭ تۇرغاندىلا، تەرەققىياتنى سىجىللىققا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ
2008- 07- 01 11:09 شىنجاڭ گېزىتى

  ئابلەت ئابلىمىت

  پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش. دەل 17 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەندەك ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ يول شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول›› بولدى. دېمەك ‹‹سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشلا جۇڭگونى راۋاجلاندۇرالايدۇ، سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرالايدۇ، ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرالايدۇ››.
يولداش خۇ جىنتاۋ پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا: ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيىمىز يېڭى دەۋر شارائىتىدا خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنى باياشات تۇرمۇشقا يەتكۈزۈش، ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش›› دەپ كۆرسەتتى. 30 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە كۆزلەنگەن مەقسەت ناھايىتى ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: بىرىنچىدىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق سوتسىيالىزمنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى راۋاجلاندۇرۇلدى؛ ئىككىنچىدىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى غايەت زور كۈچەيدى؛ ئۈچىنچىدىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى تېز ئۆستى. مۇشۇنىڭ بىلەن جۇڭگودا مىسلىسىز زور تەرەققىيات، زور گۈللىنىش ئىشقا ئېشىپ، ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلدى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندىمۇ بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردۇق.

    جۇڭگو تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ زور ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە، بېكىنمە ۋە يېرىم بېكىنمە ھالەتتىكى ئىگىلىك ئەندىزىسىدىن پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلگەن ئىگىلىك ئەندىزىسىگە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك كۈچ بەخش ئەتتۇق. بۇ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدىن 30 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، تۆۋەندىكىدەك تۆت ئاساسىي تەجرىبىنى يەكۈنلەيمىز:

    1. ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇردۇق. ھەرقانداق ئىشتا دۆلىتىمىز ئەھۋالىنى چىقىش قىلىش 30 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن بارلىق نەتىجىلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى بولدى. بىز بۇ يېتەكچى ئىدىيە ئاساسىدا نەزەرىيە جەھەتتە سوتسىيالىزم بىلەن بازار ئىگىلىكى ئۆزئارا سىغىشالماسلىقتەك دوگماتىزملىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، سوتسىيالىزم بىلەن بازار ئىگىلىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە دادىل ئىزدەندۇق. پىلانلىق ئىگىلىكنى بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق نەچچە يۈز مىليون خەلقنى بايلىق يارىتىشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئىدىيە جەھەتتە ‹‹مېنى تەرەققىي قىلدۇر›› دىن ‹‹مەن تەرەققىي قىلىشىم كېرەك››كە ئۆزگەرتتۇق. بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلغان 30 يىلدىن بۇيان پۇقراۋى ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئومۇمىي ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، بايلىقلارنىڭ ئادىل تەقسىم قىلىنىشى ۋە تېز ئوبوروت بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. سېلىنما تۈزۈلمىسى، مالىيە – باج تۈزۈلمىسى، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى، ماكرولۇق تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلاردا تېز ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئاساسىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن پايدىلىق شارائىت ياراتتۇق.

    2. يېزا ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردۇق. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، يېزا ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدۇر. ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى جەمئىيىتىدىن سانائەت جەمئىيىتىگە ئۆتۈش باشتىن – ئاخىر ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ئاساسىي مەسىلىدۇر. 1978 – يىلىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىسلاھاتىدا بىز يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى، باج – ھەق ئىسلاھاتى ۋە يېزىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈپ، يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدۇق. بۇ، ئېلىمىزنىڭ سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك زور تارىخىي ئۆزگىرىشىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

    3. دۇنيا ئىقتىسادىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇردۇق. تىنچلىق ۋە تەرەققىياتدۇنيانىڭ ئاساسىي ئېقىمى، دېگەن قاراش بويىچە، ئېلىمىزنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە 3 – قېتىملىق يەرشارىلىشىش ئېقىمىنىڭ تەستە قولغا كەلگەن پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقئارا ئىش تەقسىماتىغا قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن بېكىنمە ۋە يېرىم بېكىنمە ھالەتتىكى دۆلەت ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي تۈزۈلمىگە ئۆزگەرتتۇق ھەم ئۆزىمىزدىكى تەرەققىيات مەبلىغى يېتەرسىز بولۇشنى تولۇقلىدۇق. تاشقى بازاردىن پايدىلىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى يەڭگىللەتتۇق ھەم ئىچكى ئىسلاھات قەدىمىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردۇق.

    4. مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇردۇق. 30 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن غايەت زور نەتىجىلەرنى بىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، تەدرىجىي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىنى تاللىغىنىمىزدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. جۇڭگو ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان، ھەم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقان چوڭ دۆلەت. بۇنداق يېڭى تارىخىي باسقۇچتا ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، يېڭى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرمۇ كېلىپ چىقتى ۋە بۇ مەسىلىلەر خېلى گەۋدىلىك بولدى. لېكىن بۇنداق يېڭى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر كېلىپ چىققان بولسىمۇ، 17 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا دېيىلگەندەك: ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيە، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كەلدى، دەۋر ئېقىمىغا لايىقلاشتى، يۆنىلىش ۋە يول تامامەن توغرا بولدى، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ۋە تۆھپىسىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، توختاپ قېلىشقا ۋە چېكىنىشكە يول يوق››.
پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ پىكىر يولى ھەم يېڭى باسقۇچتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز مۇشۇ ئاساستا يېڭى باسقۇچتا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنىڭ تەلىپى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە داۋاملىق چىڭ تۇرساقلا، تەرەققىياتنى تېخىمۇ سىجىللىققا ئىگە قىلالايمىز.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ