|

شىنخۇا تورى بېيجىڭ 30 – ئىيۇن تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ 30 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا دۆلىتىمىزدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رېس بىلەن كۆرۈشتى .
كۆرۈشۈشتە ، خۇ جىنتاۋ جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە تېخى يېقىندىلا ئېچىلغان 4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو – ئامېرىكا ئىستىراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي سۆھبەتكە ئاكتىپ باھا بەردى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نى قوللىغانلىقى ، سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرغانلىقى ھەمدە جۇڭگو – ئامېرىكا ئىجابىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاكتىپ كۈچ قوشقانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى .
خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : نۆۋەتتە ، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان مۇھىم باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ ، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئاسىيا –تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيانىڭ تىنىچلىقى ، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ . مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەت ياكى ئامېرىكا دۆلەت ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرسۇن ، بىزنىڭ جۇڭگو – ئامېرىكا ئىجابىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاساسىي پىرىنسىپىمىز ئۆزگەرمەيدۇ . بىز ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ ، باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئاساسىدا ، سۆھبەت ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، چۈشىنىش ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئورتاق تۇنۇش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام ، مۇقىم يۆلىنىشتە تەرەققىي قىلىپ ، ئىككى دۆلەت خەلقى شۇنداقلا دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمىز .
رېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئامېرىكا – جۇڭگو ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى ياخشى ئالاقە ئامېرىكا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى . نۆۋەتتە ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى ۋەزىيتتە تۇرۇۋاتىدۇ . ئامېرىكا تەرەپ زۇڭتۇڭ بۇش ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ئالدىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ . ئامېرىكا تەرەپ يەنە بېيجىڭ ئو ت م نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ .
|