|
چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىش خەلقنىڭ مايىللىقى بىلەن پارتىيىنىڭ ھايات – ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيىنىڭ باشتىن – ئاخىر ناھايىتى چىڭ تۇتىدىغان زور سىياسىي ۋەزىپىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا تارقاتقان ‹‹چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ 2008 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە بولغان خىزمەت يىرىك پىلانى›› ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە نېمىنى تۇتۇش، قانداق تۇتۇش مەسىلىسىگە ئومۇميۈزلۈك جاۋاب بەردى، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان جازالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىلمىيلىكى، سىستېمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى››نى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش –– ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 10 – قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيىسى ئېيىنىڭ باش تېمىسى. بۇ باش تېما يېڭى ۋەزىيەتتە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىقتىسادىي ئىشلار ھەم ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئۈنۈملۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش يېڭى تەلىپىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈردى. بىز مەركەزنىڭ ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەننىڭ سەپەرۋەرلىك سۆزىنىڭ روھىدىكى تەلەپنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاي ئارقىلىق يىلغا تۈرتكە بولۇپ، 10 – قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتىنى پۇختا ھەم ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.
مەركەزنىڭ ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى››نى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، جەزمەن تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ بىرلىكتە باشقۇرىدىغان، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرىدىغان، تارماقلار ئايرىم – ئايرىم مەسئۇل بولىدىغان، خەلق قوللايدىغان ۋە ئىشتىراك قىلغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى››نى ئىزچىللاشتۇرىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى››نى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت تەپەككۇرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتا تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىكى، تەدبىرنىڭ ئىزچىللىقى ۋە خىزمەتنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېقىنقى مەزگىللىك ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك پىلاننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش بىلەن چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتى بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىكتە تەكشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
ئۆگىنىش –– تەربىيىنى كۈچەيتىش، ئىدىيىۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش –– تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشتىكى ئۇل خىزمەت. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشكە ياخشى تەشكىللىگەندىن سىرت، يەنە قارار ۋە تۈركۈمگە ئايرىپ پارتىيىلىك كادىرلار مەخسۇس ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىشى، بۇ ئارقىلىق ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى››نىڭ تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلىشى كېرەك. شۇنداقلا چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش خىزمىتىدىكى ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ ھەم تىرىشچان – پاك بولۇشتىكى ئىلغار تىپلارنى، ھەم يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتا قويۇق تەشۋىقات – تەربىيە كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيىۋى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈش، دائىملىق تەربىيە بىلەن مەخسۇس تېمىدىكى تەربىيىنى بىرلەشتۈرۈش، ئىجابىي تەربىيە بىلەن ئىبرەت تەربىيىسىنى بىرلەشتۈرۈش، پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى بىلەن تەربىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى جۈملىدىن پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى پارتىيىۋىلىككە، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىشكە، ئەخلاق – پەزىلەتكە دىققەت قىلىشقا، ئۈلگە بولۇشقا تەربىيىلەپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيىۋىلىك تەربىيىسى بىلەن مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىلىق قارىشى بىلەن ئىنتىزام ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىك ۋە ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئىدىيە – ئەخلاق مۇداپىئە لىنىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا پاك بولۇش ئىدىيىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
ئۆگىنىش بىلەن تەربىيە، تەكشۈرۈپ تۈزىتىش بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىخ ھالەتتىكى، خاھىشلىق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان قىزىق، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، قانۇن – نىزام، تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىپ، چىرىكلىكنى تىرىشىپ ئازايتىش ۋە چەكلەش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش چارىسىدىكى كونكرېت تەدبىرىنى چىڭ تۇتۇپ بېكىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ئايرىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. چىرىكلىك ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدىغان مۇھىم ساھەلەر ۋە ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا، ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن چەكلەشنى يادرو قىلىپ، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇپ، ھەر ئىككىلىسىنى ناھايىتى چىڭ تۇتۇپ، چىرىكلىك ۋە ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىدىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تۈزۈم سىستېمىسى، ھوقۇق يۈرگۈزۈش نازارەتچىلىكى مېخانىزمىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
10 – قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيە ئېيىدىن ئىبارەت پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بارلىق پارتىيىلىك كادىرلارنى ئىلمىي تەرەققىيات ئېڭى، خەۋپ ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، پاك – ئىنتىزامچان بولۇش ئېڭى ۋە قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
|