باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
سۇجۇ —نەنتۇڭ چوڭ كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلاندى
2008- 07- 01 10:01 تەڭرىتاغ تورى

     شىنخۇا تورى نەنجىڭ 30 – ئىيۇن تېلېگراممىسى : دۆلىتىمىز ئۆزى لايىھىلەپ ياسىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاسما كۆۋرۈك سۇجۇ —نەنتۇڭ چوڭ كۆۋرۈكىدە 30  – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن رەسمىي قاتناش باشلاندى . بۇ جۇڭگونىڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى ، تېخنىكىسى ئەڭ مۇرەككەپ ، پەن –تېخنىكا سالمىقى ئەڭ ئېغىر بولغان ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى بولۇپ ، تۆت تۈردە دۇنياۋى رېكورت يارىتىلغان .  

       سۇجۇ —نەنتۇڭ چوڭ كۆۋرۈكى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرى بىلەن نەنتۇڭ شەھىرى ئارىلىقغا جايلاشقان . بۇ قۇرۇلۇشقا جەمئىي 7 مىليارد 890 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ ، كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىدا  2003– يىلى 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى رەسمىي ئىش باشلانغان . كۆۋرۈك پۈتۈن لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 32.4 كىلومېتىر .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ