باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئۆگىنىپ، ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
2008- 07- 01 09:52 شىنجاڭ گېزىتى

ۋۇباڭگو، ۋېن جياباۋ، جياچىڭلىن، لى چاڭچۈن، لى كېچياڭ، جۇيۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىقى  خاتىرىلىنىۋاتقان پەيتتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 30 –  ئىيۇن چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەينىڭ خۇەيرېنتاڭ زالىدا يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە  تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ  مۇنداق تەكىتلىدى: ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن قورغان ھاسىل قىلىش، ئېگىلمەي – سۇنماي، جاپا  – مۇشەققەتتىن قورقماسلىق، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىلىم  –  پەنگە ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھى  ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىزم روھىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى ۋە يېڭى تەرەققىياتى، پارتىيىمىز ۋە ئارمىيىمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، ياخشى ئىستىلىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى ۋە يېڭى تەرەققىياتى شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مىللىي روھىنىڭ ھازىرقى جۇڭگودىكى مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى ۋە  يېڭى تەرەققىياتى. بىز پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جياچىڭلىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسى  –  قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   سۆھبەت يىغىنىدىن ئىلگىرى خۇجىنتاۋ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار   يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى ۋە يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، دەپ نام بېرىلگەنلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

   خۇ جىنتاۋ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ:  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، بۇ سۆھبەت يىغىنى مۇھىم  ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى. خۇ جىنتاۋ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە، تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى.

   خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: 87 يىلدىن بۇيان، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى تۈركۈم – تۈركۈملەپ مەيدانغا كەلدى، ئۇلار ئالىيجاناب روھى، خالىس تۆھپىسى، قالتىس نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە بايرىقىغا شەرەپ كەلتۈردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدىكى قەھرىمانلارچە ئىپادىسى بىلەن پارتىيىنىڭ 87 يىللىق شانلىق تارىخىغا يېڭى مەزمۇن قوشتى.

   خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشى پارتىيىمىزنىڭ رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيىسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى بىۋاسىتە سىنىدى. ئەمەلىيەت يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى يۈكسەك ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە، ئۇلار ئەگرى – توقايلىقلارغا، ئوڭۇشسىزلىقلارغا قانچە ئۇچرىغانسېرى جاسارىتىنى شۇنچە ئاشۇرىدۇ، قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي توختىماي ئالغا باسىدۇ؛ ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى زور ئەۋزەللىككە ئىگە، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتەلەيدۇ؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە، تۈرلۈك خەتەرلەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلالايدۇ؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى روشەن ئىلغارلىققا ئىگە، پارتىيىگە سادىق، خەلققە مېھرىبان، ئىشلاردا مەسئۇلىيەتچان.

   خۇ جىنتاۋ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھازىر يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە  قايتا قۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، بۇ يىلقى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشتىمۇ ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدۇق. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر  ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قولدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، يەنە بىر قولدا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تۇتۇشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش روھى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى مۇستەھكەم كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

   خۇ جىنتاۋ ھازىرقى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ھەققىدە مۇنداق ئۈچ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك. ئۈچىنچى، پۈتۈن پارتىيە مىقياسىدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئېسىل ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

   شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى خۇ جىنتاۋ مۇھىم سۆزىدە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە پارتىيىمىزنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىك رولىنى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە زور ئەھمىيىتىنى مۇپەسسەل بايان قىلدى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە پارتىيە تەشكىلى ۋە پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنىڭ  قىممەتلىك تەجرىبىسى ۋە مۇھىم ئىلھامىنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ سۆزنىڭ ئىدىيىسى چوڭقۇر بولۇپ، كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئالغا بېسىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

   مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى 54 ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى 57 مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، دەپ نام بېرىلگەن ئالتە پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.   

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ