باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن چەتئەلگە چىقىشى قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ
2008- 06- 30 15:45 شىنجاڭ گېزىتى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قاتارلىق ئالتە ئورۇن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن چەت ئەلگە چىقىشى، چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلىشىنى چەكلەش بويىچە  سەپەرۋەرلىك يىغىنى›› 23 – ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن چەت ئەلگە چىقىش، چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلىش مەسىلىلىرى ئېغىر بولغان ئىدارە – ئورۇنلار ئېنىقلىنىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش، تاشقى ئىشلار ۋە مالىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى چەت ئەلگە چىقىش ئىلتىماسىغا تەستىق سېلىش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن چەت ئەلگە چىقىشى، چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلىشىنى قاتتىق نازارەت قىلىشى كېرەك. ماھىيەتلىك مەزمۇنى بولمىغان ئادەتتىكى تەكشۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، پايدا تۈسىنى ئالغان، كوللېكتىپ ساياھەت شەكلىدىكى چەت ئەل زىيارىتىنى تەستىقلاشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. مالىيە تارماقلىرى چەت ئەلگە چىقىش، چېگرا سىرتىغا چىقىش خىراجىتىنىڭ ھەممىسىنى خام چوت باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. مالىيە تارماقلىرىنىڭ خام چوت باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈلمىگەن ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن چەت ئەلگە چىقىش ئىلتىماسىنى بىردەك تەستىقلىماسلىق كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ