|
‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ–تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى››ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ17يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز
بۇ يىل 29 – ئىيۇن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى›› ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىغا 17 يىل بولغان خاتىرە كۈن. بۇ يىلقى تەشۋىقات، خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى ‹‹سۇ – تۇپراقنى ساقلاشقا ئالاقىدار دۆلەت سىياسىتى تەشۋىقات تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ تەڭكەش مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش››.
‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى›› ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان 17 يىل مابەينىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بولۇپمۇ دۆلەت غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشتىكى تۈپ نۇقتا ۋە باشلىنىش نۇقتىسى قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قۇرۇلۇشى يېڭى تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويدى. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ئېڭى ۋە قانۇن – تۈزۈم قارىشى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، قوللاش ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ئېشىپ، قانۇنغا ئېغىر خىلاپ دېلولار يىلدىن – يىلغا ئازىيىپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللەندى. سۇ – تۇپراقنى ساقلاش، تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى سۈرئىتى تەدرىجىي تېزلەشتى. 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تەستىقلىنىپ يولغا قويۇلغان سۇ – تۇپراقنى ساقلاشقا ئالاقىدار قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ 430 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش دائىرىسى 870 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشتى. كىچىك دەريا ھەۋزىلىرىدە سۇ – تۇپراقنى ساقلاش سىناق تۈرىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. 1999 – يىلى بۇ تۈر يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 50 ناھىيە (شەھەر) 72 مىليون 500 مىڭ يۈەن دۆلەت قەرزى مەبلىغى سالغان بولۇپ، سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش كۆلىمى 1100 كۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى. بولۇپمۇ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدىغان تارىم دەرياسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قۇرۇلۇشىدا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى يېشىل كارىدورغا ئۇدا توققۇز قېتىم سۇ قۇيۇپ بېرىلىپ، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 600 كۋادرات كىلومېتىر جاينىڭ يەر ئاستى سۈيى تولۇقلاندى، بۇنىڭ بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان يېشىل كارىدوردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ‹‹ ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانى››، ‹‹ ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ئېكولوگىيىسىنى تۈزەش يىرىك پىلانى››، ‹‹ ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش، نازارەت قىلىش، ئۆلچەش تورى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھىسى››، شۇنداقلا 60 نەچچە ناھىيە (شەھەر) نىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تېز، يىراقتىن سېزىپ تەكشۈرۈش تاماملاندى، ئاپتونوم رايون بويىچە سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىش – ئۆلچەش باش پونكىتى ۋە يەتتە تارماق پونكىت، شۇنداقلا 35 نازارەت قىلىش – ئۆلچەش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت نۇقتىسىدىن نازارەت قىلىنىپ ۋە ئۆلچىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش ھالىتى ۋە ھەرىكىتى ۋاقتىدا ئىگىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئىلمىي ئىسپات بىلەن تەمىنلەندى؛ ‹‹سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى›› نىڭ يانداش بەلگىلىمىلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، تۈزۈم سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش لايىھىسىنى تۈزۈش، ئىجازەت خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش لايىھىسىنى مەلۇم قىلىش، تەستىقلاش نىسبىتى ئۆستۈرۈلدى، نېفىت قېزىش، تۆمۈر يول، تاشيول، سۇچىلىق، خەلق ئاۋىئاتىسىيىسى، سانائەت بازىسى قاتارلىق قۇرۇلۇش مەيدانلىرى دائىم تەكشۈرۈلدى، كۆپ قاتلاملىق سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىيىتى تارماقلىرى سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنىغا خىلاپ 164 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ‹‹سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى›› نىڭ نوپۇزىنى قوغدىدى. ‹‹سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى›› 17 يىل ئىزچىل يولغا قويۇلۇش ئارقىلىق، سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشنى قانۇن بويىچە تىزگىنلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى بىر قەدەر ئېغىر رايوندىكى ئاممىنىڭ ئۈمىدى ئارىسىدا يەنىلا چوڭ پەرق بار. شۇنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتى بەزى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە: قىسمەن جايلار ياكى تارماقلارنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇن ئېڭى سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى تەلەپكە دېگەندەك ماسلىشىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ، قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قوغلىشىش، بۇيرۇقنى قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، ھوقۇق ئارقىلىق قانۇن ئىجراسىغا دەخلى قىلىش، قانۇنغا ئاساسلانماسلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت، شۇڭا ئاڭنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ سېلىنما يېتەرلىك بولماسلىق، تۈزەش سۈرئىتى ئاستا بولۇش مەسىلىسى ھېلىھەم گەۋدىلىك، تۈزەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك؛ سۇ – تۇپراقنى ساقلاشنى نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى يەنىلا ئاجىز، سۇ – تۇپراق بايلىقى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش توغرىسىدىكى نۇرغۇن قىلمىش ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنماي، ئادەم سەۋەبلىك سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى كۈچىيىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىگەنلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ مەسىلىلەر بىزگە غايەت زور خىرىس بولدى.
سۇ – تۇپراق ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسىي شەرتى، باشقا نەرسىلەر ئورنىنى باسالمايدىغان ئاساسىي بايلىق. ئاپتونوم رايونىمىز ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، دېڭىز – ئوكياندىن يىراق، ھاۋاسى قۇرغاق، يامغۇر ئاز، كەلكۈن ۋە قۇرغاقچىلىق كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز، سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئىنتايىن ئېغىر. دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىپە يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل ھەم جىددىي. دۆلەتنىڭ يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ستاتىستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش كۆلىمى 1 مىليون 30 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، مەملىكىتىمىزدىكى سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىش كۆلىمىنىڭ %28.9 ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئاپتونوم رايون بويىچە 70 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق بوستانلىق كۆلىمىنىڭ 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرىدا سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش مەسىلىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئاپتونوم رايون مەملىكەت بويىچە سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئەڭ ئېغىر ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش، بايلىق ئېچىش ۋە شەھەرلەشتۈرۈش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەزى جايلادا سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش كۆلىمى بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش تەبىئىي ئاپەتنى يېنىكلىتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىك، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيىلىك بىخەتەرلىكى يۈكسەكلىكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى. پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا: ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش ھەم ئۇنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم نىشانى قىلىش تەكىتلەندى. بۇ پارتىيىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەت، مەنىۋى مەدەنىيەت، سىياسىي مەدەنىيەتتىن كېيىن، ئېكولوگىيە مەدەنىيىتىنى تۇنجى قېتىم ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى تەلىپى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشى، بۇ ئىنتايىن چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
سۇ – تۇپراقنى ساقلاشتا ھازىر جاپا تارتقان بىلەن كېيىن ھالاۋىتى بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىدىيىسىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش، ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش خىزمىتىنىڭ تەخىرسىزلىكى، جاپالىقلىقىنى تولۇق تونۇپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جايلاردىكى مەمۇرىي رەھبەرلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى سۇ – تۇپراقنى ساقلاش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتلەر ئوخشاش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىيىتى تارماقلىرىغا سۇ – تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە ئاساسەن قانۇن – قائىدە بويىچە يەرلىكنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ئېكولوگىيە مۇھىت قۇرۇلۇشى پىلانى تۈزۈپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى داۋاملىق سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەشكە تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
سۇ – تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى. سۇ – تۇپراقنى ساقلاش سېلىنمىسىنى كۆپ يول، كۆپ قاتلاملار بويىچە ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە كۆپلەپ سېلىنما سېلىشىنى، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە يەرلىككە چۈشۈرۈپ بېرىلىدىغان يۈرۈشلۈك مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سۇ – تۇپراقنى ساقلاش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
مەركەزنىڭ 2008 – يىللىق 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ – تۇپراقنى قوغداش، ئېكولوگىيىلىك تولۇقلاش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ ئورنىتىش كېرەك. سۇ – ئېلېكتر، كانچىلىق قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹تۆت قاقاس›› بايلىقىنى ئېچىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي ئائىلىلەرنىڭ ئېچىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك. سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تارىم دەرياسى قاتارلىق ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا ھەۋزىسىنى ئونىۋېرسال تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيىگە سۇ ئىشلىتىش، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. كىچىك ئېقىنلارنى بىرلىك قىلغان ھالدا ئۇنىۋېرسال تۈزەش تېخنىكا لىنىيىسى بويىچە كىچىك تىپتىكى سۇچىلىق، سۇ ساقلاش قۇرۇلۇشى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەملىك قاشالاپ قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. تاغلارنى قاشالاپ چارۋا بېقىشنى چەكلەش، يايلاق ئالماشتۇرۇش، يايلاقلارنى دەم ئالدۇرۇش، چارۋىلارنى قوتاندا بېقىش، كونترول قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى كونترول قىلىش، قاشالاشقا تېگىشلىكلىرىنى قاشالاش ئارقىلىق، كەڭ دائىرىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى دەرھال ياخشىلاش كېرەك. سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كونترول قىلىشتا ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك. تۈرنى قۇرۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈر قانۇنىي ئىگە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش تۈزۈمى ۋە قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يېڭى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى قانۇن بويىچە كونترول قىلىپ، ئالدىنى ئېلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سۇ – تۇپراقنى ساقلاشقا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار تەشۋىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈرلۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرلىرىنى كەڭ، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، كادىرلار، ئاممىغا سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇن – نىزاملىرىنى تېخىمۇ تەشۋىق قىلىپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاشنىڭ دەريا، كۆللەرنى تۈزەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى تېزلىتىش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك. تەشۋىقات ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ئېڭى ۋە قانۇن – تۈزۈم قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات ۋە سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ‹‹سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى›› نى ئىجرا قىلىش سالمىقىنى تېخىمۇ زورايتىش، بولۇپمۇ ئېچىلغان تۈرلەردىكى سۇ – تۇپراقنى ساقلاشنى نازارەت قىلىش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۈچەيتىپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاشتىكى ‹‹ئۈچنى بىرلا ۋاقىتتا قىلىش›› تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش لايىھىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى چىڭىتىپ، سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سۇ – تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساھە، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قاتناش، تۆمۈر يول، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، قۇرۇلۇش، مۇھىت ئاسراش، ساياھەتچىلىك، نېفىت قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، سۇ – تۇپراق بايلىقىنى قوغداشتەك ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىتنى يارىتىپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇننى ئىجرا قىلىش قوشۇنىنىڭ ساپاسى ۋە ئىجرا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ھەققى يىغىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى نەتىجىسىدە، قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇنسىز قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش زور دېلولىرىنى ئاشكارىلاپ، سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش كېرەك.
سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھازىر سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى، يېڭى دەۋرىدىكى سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ئېكولوگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋەزىپە جاپالىق، ئەھمىيىتى چوڭقۇر، مەسئۇلىيەت ئېغىر. ھەر دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىيىتى تارماقلىرى چوقۇم پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ‹‹سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى›› نى تېخىمۇ چوڭقۇر، پۇختا ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ سەۋىيىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، چىڭ، ھەقىقىي تۇتۇپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتى مۇساپىسىنى قانۇن بويىچە تېزلىتىپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھاللىق جەمئىيەت، ئىناق جەمئىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
|