|

ئامما پىدائىيلارغا گۈل تۇتماقتا
ئۆز خەۋىرىمىز :‹‹ 12 – ماي ›› ۋېنچۈەن ناھىيىسىدە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 28 نەپەر ياش ‹‹ ئاققۇ كۆلى ياش پىدائىيلار ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ›› نى تەشكىللەپ ، گەنسۇ ، شەنشى، سىچۈەن قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىگە بېرىپ ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقانىدى . بۇ پىدائىيلار ئەترىتى ئاپەت رايونلىرىدىكى شەرەپلىك ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ، 28 – ئىيۇن ، شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى . شۇ كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى بۇ پىدائىيلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
|